9- ئاينىڭ 27- كۈنى، مېھمانلار يىغىن ئارىلىقىدا كۆرگەزمە تاختىسىنى تەپسىلىي كۆرمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ كۈنى، «سانائەتتە ئۆزئارا يۈرۈشتۈرۈش ئورتاق بەھرىمەن بولۇش» ئاساسىي تېما قىلىنغان 2018- يىللىق دۇنيا ئىنتېرنېت سانائەت يىغىنى چىڭداۋدا ئېچىلدى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تەخمىنەن 300 نەپەر ئالاقە تورى ۋە ياسىمىچىلىق ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار ۋە كارخانىچىلار يىغىنغا قاتناشتى. بۇ نۆۋەتلىك يىغىن ئىككى كۈن داۋاملىشىدۇ .
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى