باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتەك خىزمەت ئاساسىي رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش سالمىقىنى تۆۋەنلەتمەي، رىتىمنى ئۆزگەرتمەي، باسقۇچ خاراكتېرلىك زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى

− ئىستىل توغرىلاش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشقا يىل ئوتتۇرىدا نەزەر (چوڭقۇر دىققەت)

2018.08.21 17:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7-ئاينىڭ 19-كۈنى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى مەملىكەت بويىچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى سانلىق مەلۇماتلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا مۇتلەق كۆپ ساندىكى سانلىق مەلۇماتلار ئاشقان بولۇپ، دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنىڭ ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر تولۇق نامايان قىلىندى.

  دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى قۇرۇلغىلى 10 كۈنمۇ بولماي تۇرۇپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ شەنشى ئۆلكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى فېڭ شىنجۇ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن پارتىيەدىن ۋە ۋەزىپىسىدىن قوغلانغانلىقى، ھەمدە گۈيجۇ ئۆلكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ شياۋگۇاڭ قانۇن-ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلغانلىقى ھەققىدىكى ئىككى ئۇچۇرنى ئېلان قىلدى. رېۋىزىيە قانۇنى ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشىنى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشىدىن بۇرۇنقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئىككى پارچە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا تۆۋەندىكىدەك زور ئۆزگىرىش يۈز بەردى: فېڭ شىنجۇ ئۈستىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا، «خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىش»نىڭ سۇبيېكتى «مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇش»تىن «دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى»غا ئۆزگەردى، «ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلۇش»تىن «ئالاقىدار دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش»كە ئۆزگەردى؛ ۋاڭ شياۋگۇاڭ ئۈستىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا، «ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش» دېگەن سۆز «قانۇن- ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش»قا، «تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىش» دېگەن سۆز «ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قۇبۇل قىلىش»قا ئۆزگەردى. ئىپادىلەش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىرىشى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىن مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رىۋىزىيە كومىتېتىنىڭ فۇنكسىيەسىگە بولغان ئۆزگىرىشىنى ئىپادىلەپ، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈشى ۋە دۆلەتنىڭ رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى نامايان قىلدى.

  2018-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى، فېڭ شىنجۇ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن تەكشۈرۈلۈپ، بۇ يىل تەكشۈرۈلگەن تۇنجى ئۆلكە- مىنىستىر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىر بولۇپ قالدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، «يولۋاس»لارغا زەربە بېرىشنىڭ رىتىمى توختىماي، نەچچە رېكورت يارىتىلدى: فېڭ شىنجۇ دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى خىزمەتتىن ھەيدىگەن تۇنجى ئۆلكە- مىنىستىر دەرىجىلىك كادىر بولۇپ قالدى؛ ۋاڭ شياۋگۇاڭ دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى قۇرۇلغان ھەمدە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە ئىش بېجىرگەندىن كېيىن تەكشۈرۈلگەن تۇنجى ئۆلكە- مىنىستىر دەرىجىلىك كادىر بولۇپ قالدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، «چىۋىننى ئۇرۇش» ۋە «تۈلكە ئوۋلاش» قەدىمىمۇ ئاستىلىمىدى. مەملىكەت بويىچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرىنىڭ نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا مەملىكەت بويىچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى جەمئىي 1 مىليون 683 مىڭ پارچە / قېتىم ئەرزىيەت ۋە پاش قىلىش ئۇچۇرى قوبۇل قىلغان، 740 مىڭ پارچە مەسىلە يىپ ئۇچىنى بىر تەرەپ قىلغان، 154 مىڭ ئۇچۇرنى سۆھبەت ئارقىلىق سۈرۈشتۈرگەن، 302 مىڭ ئۇچۇرغا دېلو تۇرغۇزغان، 240 مىڭ ئادەم بىر تەرەپ قىلىنغان (بۇنىڭ ئىچىدە 201 مىڭ ئادەمگە پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى بېرىلگەن)، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلكە- مىنىستىر دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى كادىر 28 نەپەر، نازارەت، ئىدارە دەرىجىلىك كادىر 1500دىن ئارتۇق، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىك كادىر 10 مىڭ نەپەر، يېزا، بۆلۈم دەرىجىلىك كادىر 37 مىڭ نەپەر، ئادەتتىكى كادىر 45 مىڭ نەپەر، يېزىلار، كارخانىلار قاتارلىقلاردىكى باشقا خادىملار 146 مىڭ كىشى بولغان. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى دېلو تۇرغۇزغان يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش دېلوسى 7250 پارچە بولغان، 3846 كىشىگە جازا بېرىلگەن، 122 كىشى ئەدلىيە ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

  1-ئاينىڭ 24-كۈنى، مەركەز چىرىكلىككە قارىشى تۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ خەلقئارادا قوغلاپ تۇتۇش، ھارام پۇلنى قايتۇرۇپ كېلىش خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، چەت ئەلگە قېچىپ كەتكىلى 16 يىل بولغان «يۈز كىشىلىك قىزىل تۇتۇش بۇيرىقى»دىكى خۇ يۈشىڭ ۋەتەنگە قايتىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلدى. 6-ئاينىڭ 6-كۈنى، بۇ ئىشخانا چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن 50 كىشىنىڭ ئالاقىدار يىپ ئۇچىنى ئېلان قىلدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي، بۇ تىزىملىكتىكى ۋاڭ چى، لەي مىڭمىن، شۈ چاۋفەن، جاڭ يۇڭگۇاڭ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ تۇتۇپ كېلىندى، «يۈز كىشىلىك قىزىل تۇتۇش بۇيرىقى»دىكى كىشىلەردىن ھازىرغىچە 54 كىشى قولغا چۈشۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خەلقئارا قاچقۇن جىنايەتچىلەرنى قوغلاپ تۇتۇش، ھارام پۇلنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتىدىكى كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر تولۇق نامايان قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر