- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شى جىنپىڭ 2018-يىللىق جۇڭگو ـ ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ ھەم ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ
2018.08.21 17:09 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 20-ئاۋغۇسىت مۇنۇلارنى جاكارلىدى: 2018–يىللىق جۇڭگو–ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى 3-سېنتەبىردىن 4-سېنتەبىرگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ باش تېمىسى «ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ زىچ جۇڭگو–ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش».
جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ ھەم ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ. جۇڭگو–ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ ئافرىقا تەرەپ ئەزالىرىنىڭ باشلىقلىرى تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتنىشىدۇ، ئافرىقا رايونىدىكى ئالاقىدار تەشكىلاتلار ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئالاقىدار پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر