- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ھەققىدە
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە سىرتىدىكى ئەربابلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى
شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى، لى كېچياڭ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئۇقتۇردى، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى
2018.08.01 14:23 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى جۇڭنەنخەيدە پارتىيە سىرتىدىكى ئەربابلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتى ھەققىدە ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز ئەربابلار ۋەكىللىرىنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلىدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيەلەر ھەمكارلىقى ۋە سىياسىي جەھەتتە مەسلىھەتلىشىش تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ياخشى مەسلىھەتچىسى، ياخشى ياردەمچىسى، ياخشى سەپدىشى بولۇپ، ئىلمىي ۋە دېموكراتىك ھالدا، ھەمدە قانۇن بويىچە ھەل قىلغۇچ تەدبىر تۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى بىرلىكتە ياخشى قىلىشىمىز كېرەك.
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى كېچياڭ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. لى كېچياڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئۇقتۇردى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ھەققىدىكى ئوي-پىكرىنى تونۇشتۇردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر