باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ كەڭ زىيالىيلار ئارىسىدا «ۋەتەننى سۆيۈش، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش

2018.08.01 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھەر قايسى مىنىستىرلىق-كومىتېتلىرى، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرىنىڭ كادىرلار تارماقلىرى، تەشۋىقات تارماقلىرى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومى تەشكىلات بۆلۈمى، تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەز باشقۇرۇشىدىكى ھەر قايسى پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرى پارتكومى، قىسمەن مۇھىم تايانچ دۆلەت كارخانىلىرىدىكى پارتگۇرۇپپا (پارتكوم)لار، بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەر پارتكومى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ سىياسىي خىزمەت بۆلۈمى كادىرلار ئىدارىسى، تەشۋىقات ئىدارىسىگە:

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بەردى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ۋەتەنپەرۋەرلىك جۇڭخۇا مىللەتلىرى روھىنىڭ يادروسى، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنى ۋەتەننىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ؛ بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ، سوتسىيالىزم ئىشلەشتىن كېلىدۇ، يېڭى دەۋر بولسا كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ زامانى، شۇڭا، ۋەتەننى سۆيۈش مۇھەببىتى، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىنى ۋەتەننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ئۇلۇغ ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈش، خەلقنىڭ تارىخنى يارىتىش ئۇلۇغۋار كۈرىشىگە سىڭدۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ چيەن شۆسېن، دېڭ جياشيەن، گو يوڭخۇەي قاتارلىق «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» پىلانىنىڭ تۆھپىكارلىرى ۋە شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ «غەربكە كۆچۈش» ۋەكىللىكىدىكى پېشقەدەم زىيالىيلارنىڭ «پارتىيە قەيەرگە بار دېسە، بىز يۈك–تاقلىرىمىزنى ئېلىپ شۇ يەرگە بارىمىز»، «باشتىن-ئاخىر پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى بىلەن ئوخشاش يۆنىلىش، ئوخشاش يولدا بولىمىز» دەيدىغان دۆلەتكە بولغان يۈكسەك مۇھەببىتى ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى يۈكسەك دەرىجىدە ماختاپ، يولداش خۇاڭ دانيەن، لى باۋگو، نەن رېندۇڭ، جۇڭ ياڭ قاتارلىقلار ۋەكىللىكىدىكى يېڭى دەۋر مۇنەۋۋەر زىيالىيلىرىنىڭ «ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش يۈرىكىمدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىش» دەيدىغان تەسىرلىك ئىش-ئىزلىرى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، يېڭى مۇساپە، يېڭى بۇرچقا يۈزلىنىپ، زىيالىيلار ئارىسىدا بۇ خىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، بۇ خىل ھېسسىياتنى قوزغاش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەت، بولۇپمۇ كەڭ زىيالىيلارنىڭ دۆلەتكە بولغان يۈكسەك مۇھەببىتىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى كەڭ زىيالىيلار ئارىسىدا «ۋەتەننى سۆيۈش، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر