باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

13- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 2- يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

خەلق زاسېداتېلى قانۇن لايىھەسى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى قوغداش قانۇنى دەسلەپكى لايىھەسىنى داۋاملىق قاراپ چىقتى، جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش دەسلەپكى لايىھەسى، شاڭخەيدە پۇل مۇئامىلە سوت مەھكىمىسى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى قاراپ چىقتى، لى جەنشۇ رىياسەتچىلىك قىلدى

2018.04.26 16:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26 -ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 2ـ يىغىنى 25ـ ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 169 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتيى ئاساسىي قانۇن قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى جۇۋ گۇاڭچۈەننىڭ خەلق زاسېداتېلى قانۇنى دەسلەپكى لايىھەسىنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدا بەرگەن دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. ئاساسىي قانۇن قانۇن كومىتېتى مۇنداق قارىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئالاقىدار روھىنى نامايەن قىلىش، خەلقنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش پائالىيەتلىرىگە قاتنشىشىغا پايدىلىق بولسۇن ئۈچۈن،خەلق زاسېداتېلى قانۇنىنى تۈزۈش تولىمۇ زۆرۈر.دەسلەپكى لايىھە قاراپ چىقىلىپ تۈزىتىلىپ،بىر قەدەر مۇكەممەللەشتى، بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ قاراپ چىقىپ ماقۇللىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى خۇ كېمىڭنىڭ ئىنقىلابىي قۇربانلارنى قوغداش قانۇنى دەسلەپكى لايىھەسىنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدا بەرگەن دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. ئاساسىي قانۇن قانۇن كومىتېتى مۇنداق قارىدى: ئىنقىلابىي قۇربانلارنى قوغداشنى كۈچەيتىش، ئىجتىمائىي جامائەت مەنپەئەتىنى قوغداش، ئىجتىمائىي يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن بۇ قانۇننى تۈزۈش تولىمۇ زۆرۈر، دەسلەپكى لايىھەدە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ نامايەن قىلىنىپ، روشەن قىممەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، ئاساسەن مۇكەممەللەشتى، بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ قاراپ چىقىپ ماقۇللىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر