باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ A دەرىجىلىك تۇتۇش بۇيرۇقى: ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق ۋە ئالدامچىلىق قىلىشتىكى ناھايىتى چوڭ جىنايەتلەر بىلەن قېچىپ يۈرگەن ئون كىشىگە تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلدى

2018.04.26 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇش ئىدارىسى ۋە تۆت زىيانداشنى تۈگىتىش مەخسۇس ھەرىكىتى ئىشخانىسىنىڭ ھۆكۈمەت مىكرو بىلوگىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق ۋە ئالدامچىلىق قىلىش جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قانۇنىي ھوقۇقىنى ھەقىقىي قوغداش ئۈچۈن، 4- ئاينىڭ 25 - كۈنى، ج خ مىنىستىرلىقى A دەرىجىلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈپ، ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق ۋە ئالدامچىلىق قىلىشتىكى جىنايەتلەر بىلەن قېچىپ يۈرگەن بۇ چوڭ دېلودىكى ئون كىشىگە ئاشكارا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى.

  تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئۇ 10 قاچقۇن جىنايەتچى تۆۋەندىكىچە: خې مىڭ، شى چۇنخۇڭ، لاڭ ئەيپىڭ، چېن يۈ، لى شېڭ، فەن شياۋجيەن، فەن جيەنجۈن، خۇ ۋېي، لى خۇڭلى ۋە دەي يىخۇڭ قاتارلىقلار. (رەسىمىنى ئاستىدىكى «مەنبە»نى بېسىپ كۆرۈڭ)

  جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئاكتىپ ھالدا ئۈنۈملۈك يىپ ئۇچلىرى بىلەن تەمىنلىشىنى، ھەمدە ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق ۋە ئالدامچىلىق قىلىشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرنى ۋاقتىدا پاش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئالاقىدار ئەھۋاللارنى بايقىغانلار 110غا مەلۇم قىلىڭ. ج خ مىنىستىرلىقى ئالاقىدار يىپ ئۇچلىرى بىلەن تەمىنلىگۈچى ۋە پاش قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر