باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تورغا خۇمار ‏بولۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ ‏قىلدى

2018.04.26 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 4-ئاينىڭ 24-كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تورغا خۇمار بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە تەربىيەلەش-يېتەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقى ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى ئۈنۈملۈك قوغداش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا جىددىي ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، جايلاردىن ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تورغا خۇمار بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇپ يېتىپ، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەلەشنى مەركەزلىك تەشكىللەش، مەكتەپلەرنىڭ كۈندىلىك باشقۇرۇشىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇشنى تېز سۈرئەتتە قانات يايدۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلارنىڭ مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى تېز سۈرئەتتە قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىشى كېرەك. ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ توردا كۆرۈۋاتقان مەزمۇنلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا چېتىشلىق ئىكەنلىكى، ھەمدە قىمار، زوراۋانلىق ۋە شەھۋانىيلىققا ئائىت مەزمۇنلارنى تەرغىب قىلىدىغان تور مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ئىكەنلىكى بايقالسا، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، ئۇلارنى ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىپ تۈزەش كېرەك. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تورغا خۇمار ‏بولۇشىدەك مەسىلىلەر بايقالسا، ئۇلارنى ۋاقتىدا تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ نورمال ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرگۈزۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تورنى توغرا تونۇشى، ئۇنىڭغا ئىلمىي مۇئامىلە قىلىشى ۋە ئۇلاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشى قاتارلىقلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ تورغا خۇمار بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئائىت بىلىم ۋە ئۇسۇللىرىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ توردىكى سېرىق مەزمۇنلار، قىمار ئويناش ۋە زەھەر چېكىش ئۇچۇرلىرىنىڭ، ھەمدە ناچار تور ئويۇنلىرى قاتارلىقلارنىڭ زىيىنىغا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، توردىكى ناچار ئۇچۇر ۋە قانۇنسىز قىلمىشلارنى ئاڭلىق ھالدا توسۇش كېرەك.

  مەكتەپلەر ھەرقايسى ئىش ئورۇنلىرىدىكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ چۈشلۈك ئارام ۋە دەرستىن كېيىنكى ۋاقىتلار دېگەندەك بوش ۋاقىتلىرىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يان تېلېفون ئىشلىتىشىنى قېلىپلاشتۇرۇشى كېرەك.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، «پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا بىر پارچە خەت» ناملىق تەشۋىقات ماتېريالى ھازىرلاپ تارقىتىپ، شۇ ئارقىلىق، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا بولغان ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئۈستىگە ئېلىشىنى ئەسكەرتىپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ تور ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىگە، ھەمدە پەرزەنتلىرىنىڭ تورغا خۇمار بولۇپ قېلىشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىلا ئەھۋالنى سېزىشى ۋە ئۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرۇپ ئارىلىشىشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى ساۋاتلارنى ئىگىلىشىگە ياردەم بەردى.

  مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنىڭ تارقىتىلىشى بىلەن، ھەرقايسى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئىشلارنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشتىكى سىياسەت ئاساسىغا ئىگە بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر