باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئېكولوگىيەسى ياشاشقا باپ كېلىدىغان گۈزەل يېزا – كەنتلەرنى قۇرۇپ چىقايلى

ــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «مىڭ كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، ئونمىڭ كەنتنى تۈزەش» قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى جېجياڭدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

2018.04.26 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا: «يېزىلارنىڭ ئولتۇراق مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى ۋە يېزا كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، جېجياڭنىڭ ياخشى تەجرىبە ئۇسۇللىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئېكولوگىيەسى تۇرۇشقا باب كېلىدىغان گۈزەل يېزا كەنتلەرنى ياخشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك» دېگەن مۇھىم يوليورۇقى جېجياڭدىكى كادىرلار ۋە ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر يەرنىڭ شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، سىياسەتنى دەل جايىدا يۈرگۈزۈپ، مۇھىتنى ياخشىلاپ، يېتىشسىزلىكنى تۈگىتىپ،بارلىق دېھقانلارنى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىن تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

  ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، مىڭلىغان ـ ئونمىڭلىغان گۈزەل يېزاـ كەنتلەرنى بەرپا قىلىش كېرەك

  «ئەسلىدە يېزا ـ كەنت يوللىرى پاتقاقلىق يول بولۇپ، يولغا كىرىۋالغان توخو، ئۆردەكلەر ئادەمدىنمۇ كۆپ ئىدى، ھازىر بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى كەنتىمىزگە ساياھەت كېلىدىغانلار ئايىغىنى ئۈزۈلمەيدىغان بولدى.» جېجياڭ لىشۈي شەھىرى جىڭنىڭ شېزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى دۇڭكېڭ بازىرى بەيخې كەنتى تاغدىن چۈشۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان كۆچمەنلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان كەنت، «مىڭ كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، ئونمىڭ كەنتنى تۈزەش» قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرتكىسىدە، پۈتكۈل كەنتنىڭ قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى. دۇڭكېڭ بازارلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋۇ خەيدۇڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ يوليورۇقى قەتئىي ئىشەنچ بىلەن ئۆز يولىمىزغا مېڭىشىمىزگە تۈرتكە بولدى. يوللار ياخشىلاندى، كەنت گۈزەللەشتى، كىشىلەر كېلىدىغان بولدى، ھازىر ھەممە ئائىلە بېيىش يولىنى تاپتى.

  لىشۈي شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى گې شۆبىن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يېزا ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇش ئىشەنچىنى ئاشۇردى، «مىڭ كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، ئونمىڭ كەنتنى تۈزەش» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان گۈزەل يېزا ـ كەنتلەرنى بەرپا قىلىش قارىشى كىشىلەرنى قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. بۇ ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ قەتئىي بەل قويۇۋەتمەي، قەتئىي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق ياراتقانلىقى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاتنىشىپ، پائال ئاۋاز قوشۇپ، ئورتاق تونۇشقا كەلگەنلىكى، ئورتاق قۇرغانلىقى، ئورتاق بەھرىلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى.

  تەرەققىي قىلغان رايون دەپ قارالغان خاڭجۇ شەھىرىنىڭ شىخۇ رايونىنىڭ يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشىدا «چىراق تۈرى قاراڭغۇ»دېگەن ئەھۋال ساقلانغانىدى. «تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، كەنت»لەرنى ئومۇميۈزلۈك تۈزەش ئارقىلىق، كەنت، بازار مۇھىتى ياخشىلاندى، كەسپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى، پۇقرالارنىڭ ھەميانىمۇ تومپايدى. شىخۇ رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ گېنمىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەنزىرە رايونى ئۆلچىمى بويىچە گۈزەل يېزا ـ كەنتلەرنى قۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، شىخۇ زېمىنىنى ھەقىقىي گۈزەللەشتۈرىمىز.

  يامغۇردىن كېيىنكى ئەنجىدە بامبۇكلار ئىرغاڭلاپ، زۇمرەتتەك سۇلار دولقۇنلاپ، سىھرى كۈچكە ئىگە جياڭنەننىڭ ياخشى مەنزىرىسى نامايەن بولىدۇ. «تېغى يېشىل، سۈيى سۈزۈك بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق.» مانا بۇ ئەنجى ناھىيەسىنىڭ يۈسۈن كەنتىنىڭ دوقمۇشىدىكى يوغان تاش ئابىدىگە يېزىلغان خەت. «تېغى يېشىل، سۈيى سۈزۈك بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق »دېگەن نەزەرىيىنىڭ مەنبەسى بولغان ئەنجى يېشىل رەڭنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي رېڭى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش بىلەن تەرەققىيات، ئىشلەپچىقىرىشنى ماس رېتىمدا تەڭ گۈللەندۈرۈش، مۇھىت بىلەن بايلىقنىڭ ماس قەدەمدە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت يېزىلارنىڭ ئولتۇراق مۇھىتىنى ياخشىلاش يولىغا ماڭدى.

  تەرەققىيات باسقۇچىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئەگىشىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېڭى ۋاستە ۋە مەزمۇن ئاتا قىلىندى، ‹مىڭ كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، ئونمىڭ كەنتنى تۈزەش› قۇرۇلۇشى باشتىن ئاخىرى باش مەنبە.» ئەنجى ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شېن مىڭچۈەن دەرھال باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى ئۆگەندى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەنجى ناھىيەمىز «ئۈلگىلىك يەر، ئۈلگىلىك ئوقۇغۇچى» بولۇشتەك بۇرچ، مەسئۇلىيەتنى جاسارەت بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى «يېزا، يېزا ئىگىلىكى، دېھقانلار» خىزمىتى ئومۇمىيتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېزىلارنىڭ ئولتۇراق مۇھىتىنىڭ دەرىجىسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى باشلامچى رايوننى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇرۇپ چىقىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر