باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى: نامرات ۋە ياشانغان كىشىلەرنىڭ ياشانغانلار ياردەم پۇلى تۈزۈمى ئۆلكە دەرىجە بويىچە ھەممە جاينى قاپلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى

2018.04.26 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 2018- يىلىدىكى 2- پەسىللىك رەسمىيەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى لى باۋجۈن يىغىنغا قاتناشتى ۋە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىرغا قەدەر، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارنىڭ ياشانغانلار ياردەم پۇلى تۈزۈمى ئۆلكە دەرىجە بويىچە ھەممە جاينى قاپلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ياردەم پۇلى ۋە پەرۋىش قىلىش تولۇقلىما ياردەم پۇلى جەھەتتىكى تۈزۈملەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا 30 ئۆلكە 29 ئۆلكىنى قاپلىدى.

  لى باۋجۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2018- يىلى 2- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە شەھەر-يېزىلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتلىرى دەپ بېكىتىلگەن كىشىلەر جەمئىي 51 مىليون 646 مىڭ ئادەم بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، شەھەرلەردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتلىرى 12 مىليون 240 مىڭ ئادەم، يېزىلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتلىرى 39 مىليون 406 مىڭ ئادەم ئىكەن. پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن شەھەرلەرنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئۆلچىمى 541 يۈەن/ئادەم/ئايدا، يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئۆلچىمى 4301 يۈەن/ئادەم/يىلدا، يېزىلاردىكى ئالاھىدە نامراتلارنى قۇتقۇزۇپ بېقىش سانى تۆت مىليون 600 مىڭ ئادەم ئىكەن.

  لى باۋجۈن يەنە مۇنداق دېدى: ئۆتكەن يىلى 11- ئاينىڭ 3- كۈنىدىن بۇ يىل 4- ئاينىڭ 15- كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلغان «زىمىستان قىشتا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش» مەخسۇس پائالىيىتى مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە قۇتقۇزۇلغان پاناھسىز سەرگەردان تىلەمچىلەرنىڭ سانى 596 مىڭ ئادەم(قېتىم) بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ سانى 25 مىڭ ئادەم (قېتىم)، مەملىكەتلىك قۇتقۇزۇش-باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى تەرىپىدىن مۇھاپىزەت قىلىنىپ يۇرتىغا ئەۋەتىلگەنلەرنىڭ سانى 56 مىڭ ئادەم (قېتىم) ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر