باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمىنىڭ دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ

«ئادەمگەرچىلىك كاپالىتى»، «مۇناسىۋەت كاپالىتى» مەركەزلىك تۈزىتىلىدۇ

2018.04.26 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25-ئاپرېل خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ 2018-يىلى 2-پەسىللىك قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئۇقۇشىمىزچە، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى يېقىندا «ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ خەلق ئىشلىرى ساھەسىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، جايلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمىنى تۈزۈش ۋە تەڭشەش چارىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، جايلارنىڭ يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمىنىڭ دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلغان.

  خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ يۇڭ مۇنداق دېدى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى مەخسۇس تۈزەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى. ئۈچ يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ «ئادەمگەرچىلىك كاپالىتى»، «مۇناسىۋەت كاپالىتى»، «خاتا كاپالەتلىنىش»، «كاپالەتلەندۈرۈشتىن چۈشۈپ قېلىش»نى مەركەزلىك تۈزەپ، يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىنى بېجىرىش مۇلازىمىتىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرىدۇ.

  بۇ قېتىم تۈزىتىلىدىغان مۇھىم نۇقتىلار، بىرىنچى، چىرىكلىك مەسىلىسى: يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىكى «ئادەمگەرچىلىك كاپالىتى»، «مۇناسىۋەت كاپالىتى» مەسىلىلىرى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ خىيانەت قىلىپ ئىگىلىۋېلىش، ساختا مەلۇم قىلىپ ئېلىۋېلىش، تۇتۇپ قېلىپ ئاستىرتىن بۆلۈشۈۋېلىش، يېيىش، ئېلىش، قىيناش، سوراش، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىگە ئېتىبار بېرىش قاتارلىق قانۇن-ئىنتىزامغا خىلاپ مەسىلىلەر قاتتىق جازالىنىدۇ. ئىككىنچى، ئىستىل مەسىلىسى: يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى خىزمىتىدىكى ئىستىلدا ئەستايىدىل بولماسلىق، ئەپلەپ-سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋېتىش، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالماسلىق، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتى ئەمەلىيلەشمەسلىك، ئاممىنىڭ ئىلتىماسىنى بىر-بىرىگە ئىتتىرىش، تەڭقىسلىقتا قويۇش، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئۈنۈمى تۆۋەن بولۇش مەسىلىلىرى ئەستايىدىل تۈزىتىلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، 2018-يىلى 2-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئوبيېكتى 39 مىليون 406 مىڭغا يېتىپ، يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئۆلچىمى 4301 يۈەن/ئادەم/يىل بولۇپ، يېزىلاردىكى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى قۇتقۇزۇپ بېقىش سانى 4 مىليون 600 مىڭ كىشى بولغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر