باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ يىڭدې شەھىرىدىكى KTVغا ئوت قويغان جىنايەتچى قولغا چۈشتى

2018.04.25 17:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى يىڭدې شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يىڭدې شەھىرىدىكى مەلۇم KTVغا ئوت قويغان جىنايەتچى ليۇ چۇنلۇ 4-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆيىدە ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلدى.

  بۇ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، ليۇ چۇنلۇ، ئەر، 32 ياش، يىڭدې شەھىرىنىڭ غەربىي شەھەر ئاھالىلەر كومىتېتى شۇيلوۋ گۇرۇپپىسى 14-نۇمۇرلۇق ئۆيدە تۇرىدىكەن. ليۇ چۇنلۇ ئوت قويۇش ھەرىكىتىنى ئېتىراپ قىلدى.

  گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى چىڭيۈەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، 24-چېسلا سائەت نۆلدىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، چىڭيۈەن شەھىرى تەۋەلىكىدىكى يىڭدې شەھىرىدىكى بىر KTVدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، سائەت نۆلدىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە ئوت ئۆچۈرۈلدى، نەق مەيداندا جەمئىي 18 ئادەم قازا قىلىپ، بەش ئادەم يارىلاندى، يارىدارلار دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر