باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

679 كىشى مەملىكەتلىك «1-ماي ئەمگەك مېدالى»غا ئېرىشتى

سانائەت ئىشچىلىرى %40تىن ئارتۇقنى ئىگىلىدى

2018.04.26 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2018-يىللىق مەملىكەتلىك «1-ماي ئەمگەك مۇكاپاتى»، «ئەمگەك مېدالى» ۋە «مەملىكەتلىك ئىشچىلار ئاۋانگارتى»نى سايلاش نەتىجىسى 25-ئاپرېل ئېلان قىلىندى. جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مۇنداق دېدى: بۇ يىل مەملىكەتلىك «1-ماي ئەمگەك مۇكاپاتى»دىن 99ى، «مەملىكەتلىك 1-ماي ئەمگەك مېدالى»دىن 697سى، مەملىكەتلىك ئىشچىلار ئاۋانگارتىدىن 799ى سايلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە تۇنجى قېتىم ئايرىم كۆرسىتىلىپ تەقدىرلەنگەن سانائەت ئىشچىلىرى %40تىن ئارتۇقنى ئىگىلىدى.

  مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەمگەك ۋە ئىقتىسادىي خىزمەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جۈنجى مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بۇ يىلدىن باشلاپ سانائەت ئىشچىلىرىنىڭ مەملىكەتلىك 1-ماي ئەمگەك مېدالىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى ئايرىم تىزىدۇ.

  ئەمگەك مېدالى بىلەن تەقدىرلەنگەن ئىلغار شەخسلەر ئىچىدە، سانائەت ئىشچىلىرىدىن 290ى بولۇپ، %41.61نى ئىگىلەپ، بەلگىلەنگەن نىسبەتتىن 6.61 پىرسەنت پوئىنت ئاشقان؛ باشقا 1-سەپتە ئىشلەيدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە كەسپىي تېخنىك خادىملاردىن 160ى بولۇپ، %22.96نى ئىگىلەپ، بەلگىلەنگەن نىسبەتتىن 2.96 پىرسەنت پوئىنت ئاشقان؛ پەن-تېخنىكا ۋە مائارىپ خادىملىرىدىن 151ى بولۇپ، %21.66نى ئىگىلەپ، بەلگىلەنگەن نىسبەتتىن 1.66 پىرسەنت پوئىنت ئاشقان؛ كارخانا مەسئۇللىرىدىن 39ى بولۇپ، %5.60نى ئىگىلەپ، تەقسىملەنگەن ساندىن ئالتىسى كەملىگەن؛ باشقىلىرى باشقۇرغۇچى ۋە باشقا جەھەتتىكى كىشىلەر، شۇنداقلا ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىكى ھاكىم، باشقارما دەرىجىلىك كادىرلار ئىكەن.

  بۇ قېتىم دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتىمۇ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن، ئەمگەك مېدالى نامزاتى ئىچىدىن 89 كىشى تەقدىرلىنىپ %12.77نى ئىگىلىگەن. ۋاڭ جۈنجى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق باھالاش كۈچلۈك دەۋر خاراكتېرى ۋە ئىلغارلىققا ئىگە. تەقدىرلەنگەن بارلىق كىشىلەرنىڭ ھەممىسى گەۋدىلىك خىزمەت كۆرسەتكەن ۋە ياخشى ئىجتىمائىي تەسىرگە ئىگە كىشىلەر بولۇپ، ئامما ئارىسىدا بىر قەدەر يۇقىرى ئىناۋەتكە ئىگە، شۇنداقلا ئۆلكە(مىنىستىر) دەرىجىلىك تەقدىرلەنگەن شان-شەرەپ ئاساسىي بار.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر