باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۇاڭدۇڭ ساقچىلىرى دۆلەت ھالقىغان پەۋقۇلئاددە زور زەھەر ئەتكەسچىلىك دېلوسىنى پاش قىلدى

قولغا چۈشۈرۈلگەن كوكائىن 1331 كىلوگرام، دېلوغا چېتىشلىق سوممىسى بىر مىليارت يۈەندىن ئاشقان

2018.04.25 15:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى 24- ئاپرېل مۇنۇلار ھەققىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى: ج خ مىنىستىرلىقى ۋە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ قوماندانلىق قىلىشى ۋە ماسلاشتۇرۇشى ئاستىدا، شېنجېن ساقچىلىرى جۇخەي ۋە گۇئاڭجۇنىڭ ساقچىلىرى بىلەن بىرلىشىپ، «5- ئىيۇل» دۆلەت ھالقىغان پەۋقۇلئاددە زور كوكائىن ئەتكەسچىلىكى مەخسۇس دېلوسىنى پاش قىلىپ، 1.3 توننا كوكائىننى قولغا چۈشۈردى، ئۇنىڭ دېلوغا چېتىشلىق سوممىسى بىر مىليارت يۈەندىن ئاشقان، ھەمدە خەلقئارالىق ساقچى ئىشلىرىنىڭ ھەمكارلىقى ئارقىلىق دۆلەت ھالقىغان بىر زەھەر ئەتكەسچىلىك شايكىسىنى بىتچىت قىلدى.

  ئۇ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشقا قارىغاندا، 2017- يىلى 7- ئاينىڭ بېشىدا، شېنجېن ساقچىلىرى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى زەھەر چەكلەش ئىدارىسى تەرىپىدىن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغان چېگرا ھالقىغان بىر زەھەر ئەتكەسچىلىكى شايكىسىنى توشۇشقا دائىر مۇھىم يىپ ئۇچىنى تاپشۇرۇپ ئالغان، ئۇنىڭدىن كېيىن، بۇ مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى جىنايەت شايكىسىدىكى چېن x خې (شياڭگاڭلىق)، سەي x خۇاڭ (شياڭگاڭلىق) ۋە لياڭ x شيەن (شياڭگاڭلىق) قاتارلىق بىر نەچچە جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈردى، ھەمدە بۇ پۈتۈن دېلودا جەمئىي 1331 كىلوگرام كوكائىنلىق زەھەرنى قولغا چۈشۈرگەن. مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى جىنايەت شايكىسىدىكى سەي x ، چېن x ۋە لياڭ x قاتارلىق كىشىلەرنىڭ زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە ئائىت ئۇ جىنايى ھەرىكىتىنىڭ ئارقىسىدىكى پىلانلاپ قوماندانلىق قىلغۇچىلارنىڭ جېڭ x (شياڭگاڭلىق) ۋە چېن x (شياڭگاڭلىق) قاتارلىقلار ئىكەنلىكى، ئۇ ئىككى ئادەمنىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ چەت ئەلگە قېچىپ يوشۇرۇنىۋالغانلىقىنى ئېنىقلىدى. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 3- ئاينىڭ 7- كۈنى ۋە 3- ئاينىڭ 22- كۈنى چەت ئەلدە يوشۇرۇنۇپ يۈرگەن بۇ ئىككى كىشىنى قولغا چۈشۈردى ۋە ئۇلارنى ئوڭۇشلۇق ھالدا ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كەلدى.

  پۈتۈن مەملىكەت بويىچە قانات يايدۇرۇلغان «زەھەر چەكلەش 2018، ھەم ئىككىگە زەربە بېرىش ۋە ئىككىنى تىزگىنلەش» مەخسۇس ھەرىكىتى ۋە گۇاڭدۇڭ «گۇاڭدۇڭ قىلىچى بىلەن زەھەر تازىلاش» مەخسۇس ھەرىكىتى جەريانىدا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى 2790 زەھەر جىنايىتى ئىشلىرى دېلولىرىنى رازۋېدكا قىلىپ پاش قىلىش ھەرىكىتى ئارقىلىق، 3490 كىشىلىك بىر جىنايەت گۇماندارلىرى گۇروھىنى سولاقخانىغا قاماپ جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويدى، ھەمدە ئۇ جىنايەت گماندارلىرىدىن 4.1 توننا زەھەرنى قولغا چۈشۈردى، زەھەر چېكىپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلاردىن 20 مىڭ 360 كىشىنى بىر تەرەپ قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر