باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۈچ چوڭ تېلېگراف شىركىتى بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلەردە 5Gنى سىناق قىلماقچى

2018.04.20 15:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈچ چوڭ تېلېگراف شىركىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى خادىملىرىنىڭ دەلىللىشىچە، ئۈچ شىركەت دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ تەستىقىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇلار بېيجىڭ قاتارلىق بىر قىسىم شەھەرلەردە 5G تورى سىناق قۇرۇلۇشىنى باشلايدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى بېيجىڭ، تيەنجىن، چىڭداۋ، خاڭجۇ، نەنجىڭ، گۇيياڭ، چېڭدۇ، شېنجېن، فۇجۇ، جېڭجۇ ۋە شېنياڭ قاتارلىق 16 شەھەردە 5Gنىڭ سىناق نۇقتىسىنى تەسىس قىلىدىكەن. جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى خاڭجۇ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، سۇجۇ، ۋۇخەن قاتارلىق بەش شەھەردە 5Gنىڭ سىرتقى مەيدان سىنىقىنى قىلىپ، ھەر بىر شەھەردە 100دىن ئارتۇق 5G پونكىتى قۇرىدىكەن. جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى يۇقىرىقى بەش شەھەردىن باشقا، يەنە بېيجىڭ، چېڭدۇ، شېنجېن قاتارلىق 12 شەھەردە 5G كەسپىنى قوللىنىدىكەن ۋە ئۈلگە كۆرسىتىدىكەن، جۇڭگو تېلېگرافى شىركىتى 5Gنى سىناق نۇقتىسى قىلىدىغان شەھەرلىرىدە، ۋاقتىنچە «6+6» ئەندىزىسىنى قوللىنىدىكەن. ئىلگىرى بېكىتىلگەن شيۇڭئەن، شېنجېن، شاڭخەي، سۇجۇ، چېڭدۇ ۋە لەنجۇدىن ئىبارەت ئالتە شەھەردىن باشقا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە كومىتېتلىرىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، سىناق نۇقتىلىرىنىڭ دائىرىسىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، يەنە ئالتە شەھەرنى قوشىدىكەن.

  مەلۇم بىر ئوبزوردا، خەۋەرلىشىش كەسپىنىڭ ھازىرقى ئىلگىرىلەش ئەھۋالى چۈشىنىشلىك قىلىپ مۇنداق چۈشەندۈرۈلگەن: G2 بولسا، ئۆتكەن زامان شەكلى، G3 بولسا، ئۆتكەن زامانغا ئايلىنىش ئالدىدىكى زامان شەكلى، G4 بولسا، ھازىرقى زامان شەكلى، 5G بولسا، كەلگۈسى زامان شەكلى بولۇپ، ئىلگىرى G2دا ھېكايە ئوقۇغىلى بولاتتى، G3دا سۈرەت كۆرگىلى بولىدىغان، ھازىرقى G4دا بولسا، ۋىدىئو كۆرگىلى بولىدۇ، ئەمدى 5Gغا كەلسەك، ئۇنىڭ ئالاھىدە تېز سۈرئىتى ئالاقە تورىنى قوللىنىشتا ماھىيەتلىك ئىنقىلاب پەيدا قىلىدۇ. ئالاقىدار مۇتەخەسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كەلگۈسىدە 5G تورى ئىشلىتىلسە، يان تېلېفوننىڭ تور سۈرئىتى ئاز دېگەندە 10 ھەسسە تېزلىشىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاپتوموبىل ھەيدەش، AR ۋە VR قوللانمىسى ۋە ئاقىل ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق بىر قاتار يېڭى ئۇقۇملار مەيدانغا كېلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر