باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كېلەر ئايدىن باشلاپ قارا لاتقىلىق سېسىق سۇلار ئازگاللىرىنى تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتى باشلىنىدۇ

2018.04.20 15:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسىراش مىنىستىرلىقى ئۆزى باشلامچىلىق قىلغان ھالدا، ھەمدە تۇرالغۇ جايلار شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىشىپ تۇرۇپ، 5-ئاينىڭ باشلىرىدا قارا لاتقىلىق سېسىق سۇلار ئازگاللىرىنى تۈزەپ مۇھىتنى ئاسراپ قېلىش 2018-يىللىق مەخسۇس ھەرىكىتىنى باشلايدىكەن. ھەرىكەتنىڭ دائىرىسى 36 نۇقتىلىق شەھەرگە (بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر، ئۆلكە مەركىزى سۈپىتىدىكى شەھەرلەر ۋە پىلانى ئايرىم بولغان شەھەرلەرگە) ھەمدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى بىر قىسىم ۋىلايەت دەرىجىلىك باشقا شەھەرلەرگە چېتىلىدىكەن.

  بۇ قېتىمقى مەخسۇس ھەرىكەتتە ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى باش ئۆلچەم قىلىنىپ، ھەمدە قارا لاتقىلىق سېسىق سۇلار ئازگاللىرىنى تۈزەش خىزمىتى كۈچەش نۇقتىسى قىلىنىپ، قارا لاتقىلىق سېسىق سۇلار ئازگاللىرىنى تۈزەش خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتى ھەمدە مەۋجۈت مەسىلىلەر ئومۇميۈزلۈك ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، يەرلىك ئورۇنلارنىڭ شەھەر مۇھىت ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تېزدىن تولۇقلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلغان ئاساستا، قارا لاتقىلىق سېسىق سۇلار ئازگاللىرى مەسىلىسى يىلتىزىدىن ھەل قىلىنىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە: يۇقىرى ئىككى مىنىستىرلىق 36 نۇقتىلىق شەھەر ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى بىر قسىم ۋىلايەت دەرىجىلىك باشقا شەھەرلەرگە قارىتا ئۈچ تۈركۈم قېتىمغا بۆلۈپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلگەن خىزمەت مېخانىزمىنى قۇرىدىكەن، قارا لاتقىلىق سېسىق سۇلار ئازگاللىرىنى تۈزەشكە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئارقىلىق، ماھىيەتلىك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ، قارا لاتقىلىق سېسىق سۇنى تۈزەش ئۈنۈمى ۋە ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى قاتارلىقلارنى كونكرېت ئۇسۇلدا تەكشۈرۈپ، جايلارنى قارا سېسىق سۇلار ئازگاللىرىنى پەيدا قىلىدىغان ۋە مۇھىتقا چېتىلىدىغان مەسىلىلەرنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىشقا دەۋەت قىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر