باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2018-يىلى تۆۋەندىكى يېڭى بەلگىلىمىلەر يولغا قويۇلىدۇ

ساياھەت يېتەكچىلىرىنىڭ ساياھەتچىلەرنى مال سېتىۋېلىشقا زورلىشىغا بولمايدۇ، زاكازلىق سېتىش سودىگەرلىرىنىڭ ئەمەلىي دۇكىنى بولۇشى كېرەك

2017.12.27 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ سەپەرنى ئۆز ئىختىيارىچە ئۆزگەرتىشىگە، ساياھەتچىلەرنى مال سېتىۋېلىشقا زورلىشىغا بولمايدۇ

  دۆلەت ساياھەت ئىدارىسى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى «ساياھەت يېتەكچىلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «چارە» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى، «چارە»دە ساياھەت يېتەكچىسى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىجازىتى، باشقۇرۇش، كاپالەتلىك قىلىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش، جازالاش قاتارلىقلار ئېنىق بەلگىلەندى، «چارە» 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «چارە»دە مۇنۇلار بەلگىلەندى: ساياھەت يېتەكچىسى ئېلېكتىرونلۇق ساياھەت يېتەكچىسى كىنىشكىسىنى ئېلىپ يۈرۈشى، ساياھەت يېتەكچىسى سالاھىيەت بەلگىسىنى تاقىشى ۋە ساياھەت يېتەكچىسى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئالاقىدار ئەمەلىي يۇمشاق دېتاللارنى ئېچىشى كېرەك. ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ساياھەت يېتەكچىسى كىنىشكىسى ۋە ساياھەت يېتەكچى سالاھىيەت بەلگىسىنى كۆرۈشنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار. «چارە»دە ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا سەپەرنى ئۆز ئىختىيارىچە ئۆزگەرتىش، ئالداپ ياكى مەجبۇرىي ئىستېمال قىلدۇرۇش، ساياھەتچىلەردىن چاي پۇلى ئېلىش قاتارلىق 11 تۈرلۈك قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشى بېكىتىلدى، شۇنداقلا «چارە»نىڭ جازالاش پىرىنسىپى قىسمىدا ساياھەت يېتەكچىسى كەسپىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپ قىلمىشلارنىڭ مۇناسىپ قانۇنىي جاۋابكارلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  ساياھەت يېتەكچىسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقاندا ئىنسانىي ئىززىتىگە ھۆرمەت قىلىش، جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە دەخلى-تەرز قىلماسلىق، قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «چارە»دە مۇنۇلار بەلگىلەندى: ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ ساياھەت كوپىراتىپى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ كىشىلىك ئىززىتىگە ھاقارەت كەلتۈرىدىغان تەلىپى، كەسپىي ئەخلاققا خىلاپ، دۆلىتىمىزنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادىتىگە ماس كەلمەيدىغان تەلەپلىرىنى رەت قىلىش ھوقۇقى بار؛ ساياھەت كوپىراتىپى ساياھەت يېتەكچىسىدىن نامۇۋاپىق تۆۋەن باھادا تەشكىللىگەن ساياھەت ئۆمىكىنى كۈتۈۋېلىش ياكى ساياھەت ئۆمىكىنىڭ ئالاقىدار خىراجىتىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا، ساياھەت يېتەكچىسىنىڭ ساياھەت مەسئۇل تارماقلىرىغا ئەرز قىلىش-پاش قىلىش ھوقۇقى بار؛ مەنزىرە رايونلىرىنى ساياھەت يېتەكچىسى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش كىنىشكىسى ياكى ئالاقىدار پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش كىنىشكىسى بار ساياھەت يېتەكچىسىدىن ئىشىك بېلىتى ئالماسلىققا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

  ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى %7.5تىن %10كە ئۆستۈرۈلىدۇ

  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى ۋاقىتلىق نىزامى»نىڭ 5-ماددىسىغا ئاساسەن 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ گاز چىقىرىش مىقدارى L 1.6 ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ئاپتوموبىللاردىن قانۇندا بەلگىلەنگەن %10 باج نىسبىتى بويىچە ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى ئېلىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.

  كىچىك ئاپتوموبىللارنى سېتىۋېلىش ۋاقتى «ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى سېتىش بىر تۇتاش تالونى» ياكى «تاموژنا بېجى باج تاپشۇرۇش قەغىزى» قاتارلىق ئۈنۈملۈك ئىسپات ئېچىلغان كۈن بويىچە بېكىتىلىدۇ. ھازىرقى ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى : ئاپتوموبىل سېتىش تالونىدىكى باھاسى÷1.17*%10=تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى.

  مەركىزىي بانكا ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش قەرز پۇلى سىياسىتىنى تەڭشىدى

  ئاپتوموبىل ئىستېمالىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتوموبىل قەرز پۇلى كەسپىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو خەلق بانكىسى، جۇڭگو بانكا نازارەتچىلىكى كومىتېتى «ئاپتوموبىل قەرز پۇلىنى باشقۇرۇش چارىسى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى. تۈزىتىلگەندىن كېيىنكى «ئاپتوموبىل قەرز پۇلىنى باشقۇرۇش چارىسى» 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  مەركىزىي بانكا، بانكا نازارەتچىلىكى كومىتېتىنىڭ ئاپتوموبىل قەرز پۇلىغا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتنى تەڭشەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىدا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئۆزى ئىشلىتىدىغان ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا قەرز بېرىش ئەڭ يۇقىرى نىسبىتى %80، سودىغا ئىشلىتىدىغان ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا قەرز بېرىش ئەڭ يۇقىرى نىسبىتى %70؛ ئۆزى ئىشلىتىدىغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا قەرز بېرىش ئەڭ يۇقىرى نىسبىتى %85، سودىغا ئىشلىتىدىغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلغا قەرز بېرىش ئەڭ يۇقىرى نىسبىتى %75؛ نىمكەش ئاپتوموبىلغا قەرز بېرىش ئەڭ يۇقىرى نىسبىتى %70 بولىدۇ.

  تور يېمەك-ئىچمىكىنىڭ يېڭى بەلگىلىمىسى: زاكازلىق سېتىش سودىگەرلىرىنىڭ ئەمەلىي دۇكىنى بولۇشى كېرەك

  دۆلەت يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا «تور يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش چارىسى»نى ئېلان قىلىپ، تور يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ ئەمەلىي تىجارەت دۇكىنى بولۇشى ۋە قانۇن بويىچە يېمەكلىك تىجارەت ئىجازەتنامىسى ئېلىشى، تىجارەت دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتمەسلىكىنى بەلگىلىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، «چارە» 46 ماددىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، 2018-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر