باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، 2018-يىللىق يېڭى يىل، چاغان مەزگىلىدە ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى

2017.12.27 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىدىن مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، 2018-يىللىق يېڭى يىل، چاغان مەزگىلىدە ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇقتۇرۇشنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

  باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا مەخسۇس «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنى تۈزىتىش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «2018-يىللىق يېڭى يىل، چاغان مەزگىلىدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى ۋە «ئۇقتۇرۇش»نىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، بايرام مەزگىلىدە ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئالاقىدار ئىشلار تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇرۇش قىلىندى:

  1. ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىشنى توختاتماسلىق، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. 2018-يىللىق يېڭى يىل، چاغان مەزگىلى پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنكى تۇنجى مۇھىم تۈگۈن، شۇنداقلا 19-نۆۋەتلىك ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى»نى ئېلان قىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى مۇھىم تۈگۈن. «ئىككى بايرام» مەزگىلىدە ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇش-بولماسلىق ئاممىنىڭ بىزنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشكە بولغان ئىشەنچى ۋە ئىشىنىشى، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن ئىستىل قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ياخشى باشلىنىش ھاسىل قىلالىشى، ياخشى قەدەم ئالالىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرى سىياسەت ۋە ئومۇمىيەت ئېگىزلىكىدە تۇرۇپ، «ئىككى بايرام» مەزگىلىدە ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ۋە تەجرىبىلەردە چىڭ تۇرۇپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، «مىخ مىخلاش روھى» بىلەن داۋاملىق، پۇختا، چىڭ تۇتۇپ، چىڭ تۇرۇش داۋامىدا چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا كېڭەيتىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر