- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
چىڭخەي گېزىتى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ ۋېي تەشكىل تەرىپىدىن تەكشۈرۈلدى
2017.12.27 15:36 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چىڭخەي ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چىڭخەي گېزىتى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ ۋېي ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغاچقا، تەشكىل تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ.
جاڭ ۋېينىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
جاڭ ۋېي، ئەر، 1964-يىلى 9-ئايدا تۇغۇلغان، خەنزۇ، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ رۇنەن ناھىيەسىدىن، ئالىي مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە، 1984-يىل 7-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1990-يىل 6-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، 1984-يىلى 7-ئايدىن 2003- يىلى 11-ئايغىچە چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپى پارتىيە قۇرۇلۇشى كافېدراسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، لېكتورى، مۇئاۋىن مۇدىرى، «ئۆرلەش» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى (باشقارما دەرىجىلىك)، باش مۇھەررىرى بولغان؛ 2003-يىلى 11-ئايدىن 2013-يىلى 6- ئايغىچە چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مائارىپ باشقارمىسىنىڭ باشلىقى، ئۆلكىلىك مەمۇرىيەت ئىنىستىتۇتى، سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى (مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك) بولغان؛ 2013-يىلى 6-ئايدىن 2014-يىلى 2-ئايغىچە چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى (نازىر دەرىجىلىك) بولغان؛ 2014-يىلى 2-ئايدىن ھازىرغىچە چىڭخەي گېزىتى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، پارتگۇرپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان. (چىڭخەي ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى).
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر