باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

بالىلار ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى بالىلارنى قوغدامدۇ ياكى بالىلارغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزەمدۇ

2017.12.27 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈنكى كۈنلەردە، نۇرغۇن بالىلار ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى تاقايدىغان بولۇپ كەتتى. مەسىلەن، توردا مال سېتىلىدىغان ھەر قايسى چوڭ تور بېكەتلىرىنى ئېچىپ، «بالىلار ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى»دەپ كىرگۈزگەندە، بۇ تىپتىكى قول سائەتلەرنىڭ ھەر خىل ماركىلىقلىرىنى ۋە ھەر خىل ھەر تۈرلۈكلىرىنى ئۇچىرىتىش مۇمكىن. يەنە كېلىپ، ئۇ خىل سائەتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ سېتىلىش مىقدارى خېلىلا كۆرۈنەرلىك بولماقتا.

  بازاردا سېتىلىۋاتقان بۇ خىل سائەتلەرنىڭ، يەنى بالىلار ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتىنىڭ ھەممىسىدە ئوخشاش بىر ئىقتىدار بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ، سۆزلىشىش ۋە جىددىي چاقىرىش ئىقتىدارىدۇر.تېلېفون شىركەتلىرى تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن بۇ خىل مۇلازىمەتتىن پايدىلىنىپ، ئاتا-ئانىلار بالىلىرى بىلەن ھەر ۋاقىت ئالاقىلىشىپ تۇرالايدۇ. دەل مۇشۇ ئىقتىدار ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ خىل ئېھتىياجىنى قامدىماقتا.

  ئەمما، ئەسلىدە بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بۇ خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى، بەلكىم كىشىلەرنىڭ ئارزۇ قىلغىنىدەك ئۇنداق «بىخەتەر» بولماسلىقى مۇمكىن.

  ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى (BBC)نىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، گېرمانىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ تور ئىدارىسى مەزكۇر دۆلەتتە ئەقلى ئىقتىدارلىق قول سائىتىنى سېتىشنى مەنئى قىلغان. ئۇندىن باشقا، بۇ ئورگان يەنە ئاتا-ئانىلارغا ھازىرقى بالىلار قول سائىتىنى كۆيدۈرۈۋېتىش تەكلىپىنى بەرگەن، ھەمدە ئۇ خىل سائەتلەرنى ئۇ ئەمەلىيەتتە بىر خىل "خۇپىيانە كۆزىتىپ تىڭشاش ئۈسكۈنىسى"دەپ ئاتىغان. نۆۋەتتە، مەزكۇر ئورگان توردا بۇ خىل سائەتلەرنى سېتىۋاتقان شىركەتلەرگە قارىتا ئۇلارنى سېتىشنى چەكلەش تەدبىرىنى قوللانغان. سېتىشنى چەكلەش سەۋەبىگە قارىتا BBC ئۆزىنىڭ ئۇ دوكلاتىدا پەرەز قىلىپ، ئۇنىڭ سەۋەبى بەلكىم ئۇ خىل سائەتلەردە باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىش ئېھتىماللىقى بولۇشى مۇمكىن، ياكى ئۇ خىل سائەتلەردە بىخەتەرلىك يوچۇقى مەسىلىسى مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن، دېگەن.بۇنىڭدىن ئىلگىرى بەزى تەتقىقاتلاردا مۇنداق دېيىلگەن: ناتونۇش ئادەملەر قەستكارلىق تېخنىكىسى ئارقىلىق بالىلارنىڭ تېلېفوندا سۆلىشىشلىرىنى ئىز قوغلاپ تۇرۇپ ۋە ئوغرىلىقچە تىڭشىيالايدۇ. دېمەك، بالىلار ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتىنىڭ ئاتا- ئانىلارغا ئېلىپ كېلىدىغان بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئەمەلىيەتتە پەقەت تاشقى كۆرۈنۈشتىنلا ئىبارەت.

  بۇ خىل خەۋەرلەر ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلار ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان «بىخەتەرلىك ئەندىشىسى»نى قايتا قوزغاپ، شۇلارنى غۇل-غۇلا قىلماقتا: يەنى، ئەگەر بىر مەھسۇلاتنىڭ ئۆزىدە يېتەرلىك دەرىجىدىكى بىخەتەرلىك كاپالىتى بولمىسا، ئۇنداقتا قانداق قىلىپ ئۇنىڭغا تايىنىپ بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدىغىلى بولسۇن؟

  شۇڭا، كەسپىي زاتلار شۇنى مۇراجىئەت قىلماقتا: يەنى، بالىلار ئەقلى ئىقتىدارلىق قول سائىتى ئۈچۈنمۇ تېخنىكا ئۆلچىمى چىقىرىش ۋە شۇ ئارقىلىق ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، شېنجېن شەھىرى ئىستېمالچىلار كومىتېتى نۇرغۇن ئورۇنلار بىلەن بىرلىشىپ ۋە باش بولۇپ، «شېنجېن شەھىرى بالىلار ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائەتلىرىنىڭ تېخنىكا ئۆلچىمى ھۆججىتى»نى تۈزۈپ چىقتى. مەزكۇر ئۆلچەم تۆۋەندىكى جەھەتلەرگە قارىتىلغان: يەنى، ئورۇن بەلگىلەش ئىقتىدارى جەھەتتىكى تەكشۈرۈش، ماتېرىيال بىخەتەرلىكى، باتارېيە بىخەتەرلىكى، رادىياتسىيە جەھەتتىكى بىخەتەرلىك، سىگنال سۈپىتى، ئىشلەش ۋاقتى ۋە سۇ كىرمەس ئالاھىدىلىكى قاتارلىقلار. بۇ جەھەتلەردىكى تەدبىرلەر بالىلار ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائەتلىرىنىڭ خەتىرى يوق بولۇشنى سىياسەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  شېنجېن شەھىرى يولغا قويغان بۇ خىل يەرلىك ئۆلچەم ئەمەلىيەتتە بالىلار ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىنتايىن زۆرۈر. يەنە كېلىپ، بۇ خىل ئۆلچەملەرنىڭ يولغا قويۇلغانلىقى يەنە تېخى شۇ خىل مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانىلار ئۈچۈن ئىجازەت ئۆلچىمى تەسىس قىلىپ بەرگەنلىك بولىدۇ، ھەم شۇنداقلا، بازاردا ھازىر سېتىلىۋاتقان بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى تەكشۈرۈش ۋە ئۇلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن پايدىلىق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كارخانىلارمۇ ئىشلەپچىقىرىش سۇبيېكتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يەنە ئۆز مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە تېخىمۇ كۆپ دىققەت قىلىشى كېرەك.

  بالىلار دۆلەتنىڭ كەلگۈسىدۇر، شۇڭلاشقا، بالىلارنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. بالىلار ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائىتىنىڭ ئاتا-ئانىلارغا ئېلىپ كەلگەن «بىخەتەرلىك ئەندىشىسى»مۇ كارخانا ۋە ئالاقىدار تارماقلارغا ھەر ۋاقىت شۇنى ئەسكەرتمەكتىكى: بالىلارنى قوغداش ئەكسىگە يېنىپ، بالىلارغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشكە ئايلىنىپ قالمىسۇن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر