باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى« دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى باھالاش چارىسى»نى بېسىپ تارقاتتى

2017.12.13 14:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا «دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى باھالاش چارىسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، 2017-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى يىللىق باھالاپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى يەرلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققى ھوقۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى قارار قىلدى.

  چارىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: باھالاش خىزمىتىدە نىشانغا يېتەكچىلىك قىلىش، مەسىلىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە نەتىجىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، گەۋدىلىك مۇھىم نۇقتىلارنى تەكىتلەپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، باھالاش ئوبيېكتى ھەرقايسى ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر بولىدۇ، باھالاش مەزمۇنى ئاساسلىقى دېھقانلارنىڭ ئىش ھەققىنى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش، ئىش ھەققى بېرىشكە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىش ھەققىنى ئارقىغا سۆرەش مەسىلىسىنى بولۇپمۇ قۇرۇلۇش ساھەسىدە ئىش ھەققىنى ئارقىغا سۆرەش قىلمىشلىرىنى تۈزەش خىزمىتى نەتىجىلىرى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر