باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەيۋەن رايونىدىكى ئالاقىدار سىياسىي پارتىيەلەر ۋە زاتلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغلىقىنى تەبرىكلىدى

2017.10.19 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيى ئېچىلىۋاتقان بۇ پەيتتە، تەيۋەن رايونىدىكى ئالاقىدار سىياسىي پارتىيەلەر ۋە زاتلار بۇ قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەيدىغانلىقلىرىنى ھەرخىل شەكىلدە بىلدۈرۈشتى.

  جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى قىرغاق ئالاقىلىشىشىنىڭ 30 يىلدىن بۇيان قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى بەك مول بولدى. بىز بۇندىن كېيىن يەنە داۋاملىق تۈردە، ئىككى پارتىيەنىڭ ھازىرقى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە «92- يىلقى ئورتاق قاراش» ئاساسىدا، ئۆز-ئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە سەمىمىي ھەمكارلىشىپ، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى ئورتاق قوغداشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  جۇڭگو گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ سابىق رەئىسى ليەن جەن، ۋۇ بوشيۇڭ ۋە خۇڭ شيۇجۇ، خەلقپەرۋەرلەر پارتىيەسىنىڭ رەئىسى سۇڭ چۇيۈ، يېڭى پارتىيەنىڭ رەئىسى يۈ مۇمىڭ قاتارلىقلار ئۆز ئارزۇلىرىنى ئىپادىلەپ، مۇنداق دېيىشتى: بىز، ئىككى قىرغاقتىكى جۇڭگولۇقلار ئۆزئارا قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈللەپ ياشنىغان نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر