باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۆي بازىرىنى تەڭشەپ تىزگىنلەش سىياسىتى تېخىمۇ تەپسىلىيلەشتۈرۈلدى

2017.08.02 16:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2016-يىلى نۇرغۇن جايدا ئۆي بازىرى بەك قىزىپ كەتتى، گەرچە تەڭشەپ تىزگىنلەش سىياسىتى ئۆتكەن يىلى 10-ئايدا كەينى-كەينىدىن يولغا قويۇلغان بولسىمۇ، كېيىنكى بازارنىڭ ئىستىقبالى ياخشى بولىدۇ دەپ قارالغاچقا، بىرىنچى، ئىككىنچى سەپتىكى شەھەرلەردە ئۆي بازىرى يەنىلا جانلىق بولغان ئىدى. ئۆي-مۈلۈك بازىرىنى كونتىرول قىلىش ئۈچۈن، بېيجىڭ بۇ يىل 3-ئايدا «ئۆينىمۇ، قەرىزنىمۇ ھېسابلاش»تەك تەڭشەپ تىزگىنلەش سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن كېيىن، يېڭى بىر نۆۋەتلىك تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىكى، تېخىمۇ قاتتىق تەڭشەپ تىزگىنلەش باشلاندى. بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، شېنجېن قاتارلىق بىرىنچى سەپتىكى شەھەرلەردىن تارتىپ، نەنجىڭ، خاڭجۇ، شيامىن قاتارلىق قىزىق نۇقتىلىق ئىككىنچى سەپتىكى شەھەرلەرگىچە، يەنە بېيجىڭ، شاڭخەي ئەتراپىدىكى رايونلارغىچە تەڭشەپ تىزگىنلەشنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۆي مۈلۈك بازىرىنىڭ ئاساسىي مىلودىيەسىگە ئايلاندى. تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۆتكەن يىلى 30-سېنتەبىر تەڭشەپ تىزگىنلەش سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە 60 تىن ئارتۇق شەھەر ياكى رايون ئۆي-مۈلۈك بازىرىنى تەڭشەپ تىزگىنلەش سىياسىتىنى 160 نەچچە قېتىم يولغا قويغان.

  جۇڭگو كۆرسەتكۈچ تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا تەھلىل قىلىنىشىچە، 2016-يىلى 10-ئايدا تەڭشەپ تىزگىنلەش ئاساسلىقى بىرىنچى سەپتىكى شەھەرلەر ۋە قىزىق نۇقتىلىق ئىككىنچى سەپتىكى شەھەرلەرگە مەركەزلەشكەن، بۇ نۆۋەت تەڭشەپ تىزگىنلەش سىياسىتىنى يولغا قويغان شەھەرلەر بىرىنچى، ئىككىنچى سەپتىكى شەھەرلەردىن ئۈچىنچى، تۆتىنچى سەپتىكى شەھەرلەرگە كېڭەيگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ نۆۋەتلىك تەڭشەپ تىزگىنلەش سىياسىتىدىمۇ يېڭى ئۆزگىرىش بارلىققا كەلدى، بۇنىڭ ئىپادىسى شۇكى، مەركىزىي شەھەرلەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەردە تەڭشەپ تىزگىنلەش سىياسىتى تەڭلا يولغا قويۇلۇپ، «بىرىكمە ئۈنۈم» ھاسىل قىلىندى.

  دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ قېتىم جايلار شەھەرگە، رايونغا قاراپ سىياسەت يولغا قويۇپ، تەڭشەپ تىزگىنلەشنى بارغانسېرى تەپسىلىيلەشتۈردى. يىجۈ تەتقىقات يۇرتى ئاقىللار ئامبىرى مەركىزىنىڭ تەتقىقات باش نازارەتچىسى يەن يۆجىن مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەت تەڭشەپ تىزگىنلەشتە ئوخشىمىغان شەھەرلەر ئارىسىدا «ئىسكىلات قالدۇقىنى تۈگىتىش» ۋە «ئۆي باھاسىنى كونتىرول قىلىش»تەڭ يولغا قويۇلدى، يەنى ئوخشاش بىر شەھەردىكى ئوخشىمىغان رايونلاردا قوش رېلىس بويىچە يولغا قويۇلدى. مەسىلەن، شىجياجۇاڭ، نەنچاڭ قاتارلىق جايلار تەڭشەپ تىزگىنلەش داۋامىدا رايون بويىچە سېتىشقا چەك قويمىدى، بەلكى مەركىزىي شەھەر ئەتراپى رايونىدا مۇقىم قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈردى؛ «ئۆي بازىرى شەرقتە قىزىپ كېتىش، غەربتە سوۋۇپ كېتىش» قېلىپىدا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ فۇشەن شەھىرى ئۆي بازىرىنى تەڭشەپ تىزگىنلەش سىياسىتىنى پەرقلىق يولغا قويدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر