باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

30 ئۆلكە تۇغۇت دەم ئېلىشىنى ئۇزارتتى، دەم ئېلىش ۋاقتى ئومۇميۈزلۈك 138 كۈندىن 158 كۈنگىچە بولدى

2017.08.02 14:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. يېقىندا، شىزاڭ ھازىر يۈرگۈزۈلىۋاتقان كادىرلار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ پەرزەنتلىك بولۇش تەمىناتىنى تەڭشەپ، ئايال تەرەپنىڭ ھەر بىر پەرزەنتى ئۈچۈن بىر يىللىق تۇغۇت دەم ئېلىشى (قانۇندا بەلگىلەنگەن دەم ئېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى بېكىتتى. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، «ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش» سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، شىزاڭنىڭ تۇغۇت دەم ئېلىشى ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) لىرىدىن ئەڭ ئۇزاقكەن.

  2016-يىلى 1-يانۋار «ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش» سىياسىتى رەسمىي يولغا قويۇلدى. ھازىر ئېلىمىزدىكى 30 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) تۇغۇت دەم ئېلىشىنى ئۇزارتتى. شىنجاڭدىمۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈلىۋاتقان «پىلانلىق تۇغۇت نىزامى» دىكى تۇغۇت دەم ئېلىش كۈن سانىنى كۆپەيتىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  جايلارنىڭ تۇغۇت دەم ئېلىشىدىكى مۇكاپاتلىق دەم ئېلىشى، كۈتۈش دەم ئېلىشى ئومۇميۈزلۈك 138 كۈندىن 158 كۈنگىچە بولدى.يەرلىك نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، جايلارنىڭ 2-پەرزەنتلىك بولۇش تۇغۇت دەم ئېلىشى بىر پەرزەنتلىك بولۇش تۇغۇت دەم ئېلىشىغا ئوخشاش بولۇپ، تۆت ئايدىن ئاشتى، يەنى «ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئەمگەك مۇھاپىزىتى ئالاھىدە بەلگىلىمىسى» دىكى 98 كۈنلۈك تۇغۇت دەم ئېلىشى ئاساسىدا، جايلارنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «نىزام» ىدا مۇكاپاتلىق تۇغۇت دەم ئېلىشى بىردەك كۆپەيتىلىپ ياكى تۇغۇت دەم ئېلىشى ئۇزارتىلىپ، 138 كۈندىن 158 كۈنگىچە بولدى ھەم ئەرلەرنىڭ كۈتۈش دەم ئېلىشى ياكى قاراش دەم ئېلىشى ئادەتتە 15 كۈندىن 30 كۈنگىچە بولدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر