باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«گوۋۇيۈەننىڭ <قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە مۇھىت ئاسراشنى باشقۇرۇش نىزامى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» ئېلان قىلىندى

2017.08.02 16:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  زۇڭلى لى كېچياڭ يېقىندا 682-نومۇرلۇق گوۋۇيۈەن بۇيرۇقىنى ئىمزالاپ، «گوۋۇيۈەننىڭ <قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە مۇھىت ئاسراشنى باشقۇرۇش نىزامى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى»نى ئېلان قىلدى.

  بۇ «قارار»دا ئاساسلىقى مۇنداق تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى: بىرىنچى، قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى مۇھىت ئاسراش جەھەتتىن تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئىشلىرى ۋە تەرتىپى ئاددىيلاشتۇرىلىدۇ. مۇھىت تەسىرىنى باھالىغۇچى ئورۇنلارنىڭ سالاھىيىتىنى باشقۇرۇش، قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەلىرىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش بەلگىلىمىسى چىقىرىۋېتىلدى. ئىككىنچى، ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىش كۈچەيتىلدى. مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىدە قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتىن ئۆتمىگەن ياكى تەكشۈرۈپ تەستىقلانمىغانلىرىدا قۇرۇلۇش باشلاشقا بولمايدۇ. ئۈچىنچى، كارخانىلارنىڭ يۈكى يەڭگىللىتىلدى. مۇھىت تەسىرىنى باھالاش ھۆججىتىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، ئارخىپقا ئېلىش ۋە ئالاقىدار تېخنىكىلىق باھالاشلار ئېنىق بەلگىلەندى، كارخانىلاردىن ھەرقانداق ھەق ئېلىشقا بولمايدۇ. بۇ «قارار» 2017-يىلى 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر