باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شياڭگاڭدا ئەپۇ سوراش قانۇن نىزامى يولغا قويۇلدى

تالاش-تارتىش قىلغان ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئۆز ئارزۇلىرى بويىچە ئەپۇ سوراشقا ئىلھام بېرىلدى

2017.07.14 15:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ قانۇن كېڭىشى 13- ئىيۇل ئۈچ قېتىم ئوقۇش ئارقىلىق «ئەپۇ سوراش نىزامى لايىھەسى»نى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلىدۇ) ماقۇللىدى، ھەمدە ئەپۇ سوراشتىكى بەزى تەرتىپ ۋە قانۇنىي رەسمىيەت جەريانىدىكى قانۇن ئاقىۋىتى ھەققىدە بەلگىلىمە چىقىرىلدى. ئۇنىڭدا، تالاش-تارتىش قىلغان ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئۆز ئارزۇلىرى بويىچە ئەپۇ سورىشىنى تەشەببۇس قىلىپ ۋە ئىلھام بېرىپ، تالاش-تارتىشنىڭ يامانلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىناق ھەل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلىنغان. مەزكۇر «لايىھە» مەمۇرىي باشلىق تەرىپىدىن ئىمزا قويۇلۇپ ھەمدە نەشىر قىلىنغاندىن كېيىن رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ. بۇ، شياڭگاڭنىڭ ئاسىيا بويىچە تۇنجى بولۇپ ئەپۇ سوراش قانۇن نىزامى تۈزۈگەن ۋە قانۇن يۈرگۈزۈش بويىچە باشقۇرۇش تەۋەلىكى رايونى بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  «لايىھە»دە مۇنداق دېيىلدى: مەلۇم بىر ئادەم ئاپۇ سورىغاندىن كېيىن، خاتالىقىنى بوينىغا ئېلىش مەسىلىسى ياكى ئۇنىڭ قانۇن جاۋابكارلىقى شەكىللەنمەيدۇ، سەۋەنلىكى، قانۇن جاۋابكارلىقى ۋە باشقا تالاش-تارتىش ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندا، ئەپۇ سوراشنى ئەپۇ سورىغۇچىغا پايدىسىز ئامىل قىلىشقا بولمايدۇ. بۇندىن تاشقىرى، مەزۇر «لايىھە»دە يەنە سوت مەھكىمىسىگە ئەھۋالغا قاراپ بىرتەرەپ قىلىش ھوقۇقىنى بەرگەن بولۇپ، كەچۈرۈم سورىغۇچىلارنىڭ كەچۈرۈم سورىغان ۋاقتىدا قوللانغان گەپ-سۆزلىرىنى دەلىل-ئىسپاتلار ئورنىدا پايدىلىنىش ئۈچۈن نەقىل كەلتۈرۈشكە رۇخسەت قىلىدىكەن. ئۇنىڭغا قارىتا، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قانۇن مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى يۈەن گوچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سوت مەھكىمىسى ئەھۋالغا قاراپ ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى، چوقۇم ئادىل ۋە ھەققانىي بولۇشى، ھەمدە جامائەت مەنپەئىتىنى نەزەرگە ئېلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر