باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز ئالىملىرى 800 مىليون يىل ئالەم يېشىدىكى بىر تۈركۈم يۇلتۇزلار سىستېمىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچىدى

2017.07.14 15:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ شاڭخەي رەسەتخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ رەسەتخانىنىڭ تەتقىقاتچىسى چېڭ جېنيا باشچىلىقىدىكى كۆپ دۆلەت تەتقىقات ئۆمىكى 800 مىليون يىل ئالەم يېشىدىكى بىر تۈركۈم يىراق يۇلتۇزلار سىستېمىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەپ چىققان بولۇپ، ئالەمنىڭ بۇ ياش باسقۇچىدا قاراڭغۇلۇق ۋە يورۇقلۇق ئارىلىقىدىكى ھالەتتە تۇرغانلىقىنى بايقىغان.

  بۇ تەتقىقات نەتىجىسى خەلقئارا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئاسمان جىسىملىرى فىزىكىسى ژورنىلى «ئاسمان جىسىملىرى فىزىكىسى تېز خەۋەرلەر گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان.

  ئالەم چوڭ پارتلاشتىن كېيىنكى تەخمىنەن 300 مىڭ يىلدا، پۈتكۈل ئالەم قاپقاراڭغۇ بولۇپ، تۇرغۇن يۇلتۇزلار، يۇلتۇزلار سىستېمىلىرى يوق ئىدى. 1-ئەۋلاد ئاسمان جىسىملىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ، ئالەم ئاندىن تەدرىجىي ھالدا تۇرغۇن يۇلتۇزلار ۋە يۇلتۇزلار بىلەن يورۇتۇلدى. ئالەم زادى قانداق قىلىپ، «قاراڭغۇ دەۋر»دىن قۇتۇلغان؟ ئىنسانلار بۇنىڭغا قارىتا سىجىل ئىزدىنىشنى قانات يايدۇردى.

  كۆزىتىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، 800 مىليون يىل بۇرۇن، يەنى ئالەم ئۆزىنىڭ ھازىرقى يىلىنىڭ %6لىك يېشىدا، ئالەمدىكى تۇمان ۋە قاراڭغۇلۇقتىكى نېيترال ھىدروگېنلىق مۇھىت تارقىلىشقا باشلىغانلىقى، يېرىم نېيترال ھىدروگېننىڭ ئىئونلاشتۇرۇلغانلىقى، قالغان يېرىمىنىڭ تېخى ئېلېكتىر نېيترال ھالىتىدە تۇرغانلىقى بايقالدى. بۇ، دەسلەپكى ئالەمدىكى خېلى چوڭ نىسبەتتىكى 1-ئەۋلاد ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ئالەمنىڭ يېشى بويىچە 800 مىليون يىلدىن بۇرۇن شەكىللەنگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر