- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 4-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئېچىلدى
2017.07.14 14:57 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئىيۇل، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 4-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۈرۈمچى شەھەرلىك قىزىلتاغ تەنتەربىيە زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇللىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىسى، چوڭلار گۇرۇپپىسى، ياشانغانلار گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت ئۈچ گۇرۇپپا تەسىس قىلىنغان. ھەر قايسى رايون (ناھىيە)لەر يېنىك ئاتلىتكا، يۈرۈشلەشكەن چامباشلىق، تىك-تاك توپ، پۇتبول، ۋاسكېتبول قاتارلىق 26 چوڭ تۈر بويىچە گۇرۇپپا تەشكىللەپ مۇسابىقىلىشىدۇ؛ ھەر قايسى يەككە تۈرلەر بويىچە مۇسابىقىلىشىش ۋاقتى 5-ئاينىڭ بېشىدىن باشلانغان، 7-ئاينىڭ ئاخىرى ئاخىرلىشىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەخمىنەن 4550 تەنھەرىكەتچى قاتناشقان. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» تەشۋىقات-تەربىيە پائالىيىتى تەنھەرىكەت يىغىنىغا سىڭدۈرۈلۈپ، تۇنجى قېتىم «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى پەزىلەت مۇكاپاتى» تەسىس قىلىنغان، مۇسابىقە قائىدە بويىچە يېتەكلىنىپ، ھەر مىللەت تەنتەربىيە ھەۋەسكارلىرى ۋە ئاممىنىڭ قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىلگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر