باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە تەسىس قىلىنغان «بالىلار كېسەللىكلىرى بىرلەشمە داۋالاش گەۋدىسى» ئاساسىي قاتلامدىكى كېسەل بولغان بالىلارنىڭ «كېسەل كۆرسىتىشى تەس» بولۇش مەسىلىسىنى يەڭگىللەتتى

2017.07.14 14:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئىيۇل، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئىككى بالا «كېسەلخانىدىن يۆتكەش يېشىل كارىدورى» ئارقىلىق، خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىدىن 2000 كېلومېتىر يىراقلىقتىكى ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسىغا يۆتكەپ كېلىنىپ داۋالىتىلدى. خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ «بالىلار كېسەللىكلىرى بىرلەشمە داۋالاش گەۋدىسى»گە ئەزا ئورۇنلارنىڭ بىرى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسى 2016-يىلى 6-ئايدا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلام دوختۇرخانىلارغا باشلامچىلىق قىلىپ «بالىلار كېسەللىكلىرى بىرلەشمە داۋالاش گەۋدىسى»نى قۇرۇپ چىقىپ، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، تېخنىكا جەھەتتىن قوللاش، يىراق مۇساپىلىك دىياگنوز قويۇش، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بالىلار كېسەللىكىنى كۆرۈش، داۋالاشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى تۇتاشتۇردى. ھازىرغا قەدەر، «بالىلار كېسەللىكلىرى بىرلەشمە داۋالاش گەۋدىسى»گە ئەزا بولغان دوختۇرخانا 44گە يەتتى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يالقۇن غاپپار تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك بالىلار دوختۇرخانىسى نۆۋەتتە بېيجىڭ بالىلار دوختۇرخانىسى گۇرۇھىغا ئەزا بولدى، بېيجىڭ بالىلار دوختۇرخانىسى گۇرۇھى قائىدە-تۈزۈم، تېخنىكىلىق يېتەكلەش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، مەخسۇس بۆلۈم بويىچە ياردەم بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە بىۋاسىتە يېتەكلەيدۇ ۋە تەربىيەلەيدۇ. «بالىلار كېسەللىكلىرى بىرلەشمە داۋالاش گەۋدىسى» يۇقىرىسى دۆلەت ئىچىدىكى كۆپلىگەن داڭلىق بالىلار دوختۇرخانىسى، تۆۋىنى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ئاساسىي قاتلام دوختۇرخانىلىرى بىلەن تۇتاشقان، شۇ ئارقىلىق ئارتۇقچىلىقلارنى ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئەۋزەل داۋالاش بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولىدۇ. «بالىلار كېسەللىكلىرى بىرلەشمە داۋالاش گەۋدىسى» داۋالاش ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى داۋالاش تەس بولغان نۇرغۇنلىغان چىگىش كېسەللىك ئەھۋالى بار بالىلار «كېسەلخانىدىن يۆتكەش يېشىل كارىدورى» ئارقىلىق ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك داۋالىنىشقا ئېرىشەلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر