باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

نان يېقىش مۇسابىقىسى ئارقىلىق پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈلدى

2017.07.14 15:54   مەنبە: خەلق تورى

نان يېقىش مۇسابىقىسى ئارقىلىق پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «نان شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە يېمەكلىكى بولۇپ، مەن بۈگۈن ياققان ئەتىرگۈل نېنى كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، مەن بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە 1-لىككە ئېرىشىپ ئىنتايىن خۇش بولدۇم »، دېدى دېھقان سارىخان سىدىق ئىنتايىن خۇشال ھالدا خىزمەت ئەترىتى كادىرىنىڭ قولىدىن مۇكاپات بويۇمىنى ئالغاچ .

  يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىدىن ئايكۆل بازىرى قىشلىق ئېرىق كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر دېھقانلار ئۇزاقتىن بۇيان تەلپۈنۈۋاتقان نان يېقىش مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈپ بەردى. مۇسابىقە كەنتتىكى دېھقانلارنى ئىنتايىن جەلپ قىلغان بولۇپ، نان يېقىش تەجرىبىسى ناھايىتى مول 30دىن ئارتۇق خانىم-قىز مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئاجايىپ ماھارىتىنى كۆرسەتتى.

  مۇسابىقە باشلىنىپ بىردەمدىن كېيىن، ئالتۇنرەڭ تۈس ئالغان، شەكلى ھەرخىل نانلار تونۇردىن چىقتى، 30 نەچچە خىل نان دېھقانلارنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولۇپ، ناننىڭ مېزىلىك پۇراقلىرى ئەتراپنى قاپلىغان ئىدى. مېزىلىك نانلار بىر-بىرلەپ باھالاش سەھنىسىگە تىزىلدى. دېھقانلار، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر، كەنت كادىرلىرىدىن تەركىب تاپقان باھالىغۇچىلار بىر-بىرلەپ نانلارنىڭ تەمىنى تېتىپ كۆرۈپ، رەڭ، پۇراق، تەملەرگە ئاساسەن نەقمەيداندا نومۇر قويۇپ باھالاپ چىقتى ۋە تەكلىپ – پىكىر بەردى. ئاخىرىدا ئۇتۇپ چىققان ماھىرلار مۇكاپاتلاندى.

  بۇ يىل 60 ياشقا كىرگەن كەنتتىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ئايگۈل مەمەت مۇنداق دېدى : «بۇرۇن تۇرمۇش شارائىتىمىز ياخشى ئەمەستى، ئاساسلىق يېمەكلىكىمىز قۇناق نېنى ئىدى، ھازىر تۇرمۇش شارائىتىمىز ئىنتايىن ياخشى، ناننىڭ تۈرلىرىمۇ كۆپەيدى. بىز پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك. پارتىيەگە، ھۆكۈمەتكە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىپ، چىن دىلىمىزدىن مىننەتدارلىق بىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز كېرەك.»

  كەنتنىڭ بىرىنچى شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى ئەكبەر سىدىق مۇنداق دېدى : «بىز تەشكىللىگەن بۇ قېتىملىق نان يېقىش مۇسابىقىسى دېھقانلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى، بۇ بىرتەرەپتىن مۇسابىقە شەكلى ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ بېيىش ئىرادىسىنى كۈچەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن نان مەدەنىيىتى ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ ئۆز-ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، ئىتتىپاقلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئېڭىنى كۈچەيتىدۇ. بىز ئۇلارنى تېخىمۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن گۈزەل يۇرت-ماكان قۇرۇپ چىقىشىقا يىتەكلەيمىز.» (ئايكۆل بازار قىشلىق ئېرىق كەنتتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىن يۈ يەنلىن، ئالمىرە ئۆمەر خەۋىرى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئاپتونوم رايوننىڭ 2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ تۇن…
    ·تىببىي مائارىپنى ماسلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىببىي مائارىپنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى…
    ·ئارزۇ تولدۇرۇشقا مەكتەپلەر قاچانلاردىن باشلاپ «ياردەملىشىدىغان» بولۇپ قالدى؟
    ·ئالىي مەكتەپلەر ئۆز ئالدىغا قوبۇل قىلىدىغان ۋە كاپالەت بىلەن ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىل…
    ·لى كېچياڭ: تىببىي مائارىپنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزىمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زور بىر تۈركۈم لاياقە…
    ·ئېلىمىزنىڭ ئالىي مائارىپ بويىچە مەكتەپكە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى تۆت يىلدا %12.7 ئاشتى
    ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش…
    ·تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمتىھانى نەتىجىسىنى ئىككى خىل ئۇسۇلدا تەكشۈرگىلى بولىدۇ
    ·ئاجىز مەكتەپلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئۆزگەرتىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلىشى تېزلىتىلىدۇ
    ·ش ئۇ ئار نىڭ ئالى مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى 5-ئىيۇل باشلاندى