باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مىللەتلەر ۋە دىن ئىشلىرى كومىتېتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئالاقە ئورنىتىش، ئالماشتۇرۇش ۋە ئارىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2017.07.14 15:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مىللەتلەر ۋە دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ سابىق دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى جۇ ۋېيچۈن باشچىلىقىدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مىللەت ۋە دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا كېلىپ، «شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، مىللەتلەر ئارا ئالاقە ئورنىتىش، ئالماشتۇرۇش ۋە ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش» دېگەن مەخسۇس تېما بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە ۋە مەركەزنىڭ 2 ـ قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، شۇنداقلا 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇلغان. ئاپتونوم رايون بويىچە بىر مىليون كادىر ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتىكى توققۇز چوڭ قۇرۇلۇشنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك، ھەمدە ھەر مىللەت خەلقى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا پورەكلەپ ئېچىلدۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر