باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەپتىش ئەمەلدارلىرى دېلو ئارقىلىق قانۇننى چۈشەندۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ھەققىدە بەلگىلىمە چىقاردى

2017.06.30 15:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەپتىش ئەمەلدارلىرى دېلو ئارقىلىق قانۇننى چۈشەندۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ھەققىدىكى بەلگىلىمىسى» 28-ئىيۇن جەمئىيەتكە ئېلان قىلىنىپ، تەپتىش ئەمەلدارلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغان دېلودىكى پاكىتنى بېكىتىش، قانۇننى تەدبىقلاش ۋە دېلو بېجىرىش تەرتىپى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە چۈشىنىكسىز مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىش، قانۇننى چۈشەندۈرۈش قېلىپى تەپسىيلىيلەشتۈرۈلۈپ، جەمئىيەتتىكىلەرگە دېلو ئارقىلىق قانۇننى چۈشەندۈرۈشتىكى دېلو دائىرىسى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، قانۇننى كىم ئىجرا قىلسا، شۇ ئومۇملاشتۇرۇش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى.

  «ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەپتىش ئەمەلدارلىرىنىڭ دېلو ئارقىلىق قانۇننى چۈشەندۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش ھەققىدىكى بەلگىلىمە»گە ئاساسەن تەپتىش ئەمەلدارلىرى بېجىرىلگەن زور دۆلەت مەنپەئەتى ۋە جەمئىيەت ئاممىۋىي مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان دېلولار، ياشانغانلار، ئاياللار، قورامىغا يەتمىگەنلەر ۋە مېيىپلار قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا مۇناسىۋەتلىك دېلولار قاتارلىق 7 خىل دېلونى چۆرىدەپ قانۇننى چۈشەندۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى.

  تەپتىش ئورگانلىرى تەپتىش ئىشلىرى زالى، دېلو ئۇچۇرىنى ئېلان قىلىش سەھنىسى، دېلونى ئاشكارە قايتا تەكشۈرۈش، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى، ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىش، ئىبرەت تەربىيەسى بازىسى قۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق دېلو ئارقىلىق قانۇننى چۈشەندۈرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر