- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
«ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى چىقىم شەكلى ئىسلاھاتى ھەققىدىكى يىتەكچى پىكىر»ئېلان قىلىندى
2017.06.30 15:58 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى «ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى چىقىم شەكلى ئىسلاھاتى ھەققىدىكى يىتەكچى پىكرى»نى بېسىپ تارقىتىپ، كېلەر قەدەمدە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى چىقىم شەكلى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى.
پىكىردە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: 2017-يىلىدىن باشلاپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندى خام چوتىنى باشقۇرۇش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، كېسەل تۈرىگە قاراپ ھەق تۆلەش ئاساس قىلىنغان كۆپ مەنبەلىك ئۇنىۋېرسال داۋالىنىش سۇغۇرتىسى چىقىم شەكلىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.
2020-يىلىغا بارغاندا، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى چىقىم شەكلى ئىسلاھاتى بارلىق داۋالاش ئورگانلىرى ۋە داۋالاش مۇلازىمەتلىرىنى قاپلايدۇ، تۈر بويىچە ھەق تۆلەش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر