باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەت كىنىشكىسىنى باشقۇرۇش مۇندەرىجىسى تەڭشەلدى

2017.06.30 16:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۇەن يېقىندا زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن «سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەت كىنىشكىسىنى باشقۇرۇش مۇندەرىجىسىنى تەڭشەش ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇشنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش توغرىسىدىكى قارارنى» تارقاتتى. ئورگانلارنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، قويۇپ بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەلىپىگە ئاساسەن، سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەت كىنىشكىسىنى باشقۇرۇش مۇندەرىجىسىنى تەڭشەش، سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتى ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇش، تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى ۋە كارخانىلارنىڭ مەھسۇلات سۈپىتى بىخەتەرلىك سۇبيېكىتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش بازارغا كىرىش ئىجازىتىنى قويۇپ بېرىش، جەمئىيەت مەبلەغ سېلىشنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى»نىڭ سۈپىتىنى، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق.

  «قارار» دا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەت كىنىشكىسىنى باشقۇرۇش مەھسۇلات مۈندەرىجىسىنى يەنىمۇ تەڭشەپ يولغا قويۇش كېرەك. ئىشنىڭ داۋامى ۋە ئىشتىن كېيىنكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق سۈپەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدىغان سۇ يەتكۈزۈش تۇربىسى، ناسوس قاتارلىق 19 خىل مەھسۇلاتقا ئىشتىن بۇرۇن ئىشلەپچىقىرىش ئىجازىتى بېرىشنى بىكار قىلىش، ئاممىنىڭ ئىستىمالى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان، كىشىلەرنىڭ تەن ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە بىۋاستە چېتىلىدىغان توك ئەدىيال، موتوسېكىلت مىنىدىغانلارنىڭ تۆمۈر قالپىقى قاتارلىق ئۈچ خىل مەھسۇلاتقا مەجبۇرىي دەلىللەش ئۇسۇلىنى قوللىنىش، ئۇنى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەت كىنىشكىسىنى باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزمەسلىك كېرەك.

  «قارار» دا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: سۈپەت تەكشۈرۈش باش ئىدارىسى ئالاقىدار رايون ۋە كەسىپلەرنى سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىش ئىجازەت كىنىشكىسىنى باشقۇرۇش داۋاملىق يولغا قويۇلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەت كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇشنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇشقا تەشكىللەيدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر