باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق تورى ئېچىلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2017.01.17 13:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20 يىللىق بوران-چاپقۇننى باشتىن كەچۈرۈپ، 20 يىل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش. خەلق تورى ئېچىلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى 16-يانۋار بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، مۇتەخەسىسلەر، ئالىملار ۋە تورداشلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ 200 دىن ئارتۇق كىشى پارتىيە گېزىتى تاراتقۇسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە چوڭقۇر يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ مۇھاكىمە قىلىپ، كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. شۇ كۈنى، خەلق تورى سانلىق مەلۇماتلار مەركىزى بىناسى رەسمىي ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.

  1997-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى، خەلق گېزىتى تورى نۇسخىسى خەلقئارا ئالاقە تورىغا رەسمىي ئۇلىنىپ، پارتىيە گېزىتى تاراتقۇسىنىڭ ئالاقە تورىغا يۈرۈش قىلىش مۇساپىسى باشلاندى. 20 يىلدىن بۇيان، خەلق تورى «توردىكى خەلق گېزىتى» ئورنىدا، «نوپۇز، ئەمەلىي كۈچ خەلقتىن كېلىدۇ» دەيدىغان تور ئىدىيەسىدە، «مەزمۇنى ئەڭ ياخشى تور بېكىتى، مۇلازىمىتى ئەڭ ياخشى سۇپا بولۇش» تا چىڭ تۇرۇپ، تور تەشۋىقاتى، سىرتقا تارقىتىش، تاراتقۇلارنى بىرلەشتۈرۈش، كەسپىي تەرەققىيات قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۈگۈنكى خەلق تورى كۆپ تىللىق، كۆپ تېرمىناللىق، مۇكەممەل تاراتقۇلۇق، دۇنياۋىلاشقان، دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئاساسىي ئېقىم ئاخبارات تور بېكىتىگە، خەلقئارا ئالاقە تورىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسال تور تاراتقۇسىنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، تارقىتىش بىلەن قاپلىنىش دائىرىسى 130 مىليون ئادەم/قېتىمدىن ئېشىپ، تور ئەھلى 210 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايونغا تارقالدى، جۇڭگو تىلى يېزىقى نۇسخىسىدىن باشقا، يەنە يەتتە خىل ئاز سانلىق مىللەت تىل يېزىقى ۋە چەتئەل تىل يېزىقىدىكى توققۇز خىل نۇسخىسى بولۇپ، كۈچلۈك دۆلەت مۇنبىرى، جايلار رەھبەرلىرىنىڭ سۆز قالدۇرۇش تاختىسى قاتارلىق بىر تۈركۈم كۇرسلۇق پروگراممىلارنى بارلىققا كەلتۈردى. مەركەزنىڭ نۇقتىلىق ئاخبارات تور بېكىتى ئۇنىۋېرسال تارقىتىش كۈچى شەرەپ تاختىسىدا خەلق تورى ئۇزاققىچە 1-ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى.

  «خەلق گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ياڭ جېنۋۇ يىغىندا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: 20 يىلدىن بۇيان، خەلق تورى بىر بوۋاقتىن تەدرىجى بەستىلىك ياش بولۇپ يېتىلىپ، ئاساسىي مېلودىيە «چولپا» نى، ئاكتىپ كۈچ تارقاتقۇچى «قىزىل سىزىق» قا ئايلاندى، ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى پارتىيە گېزىتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئاساسىي ئېقىم ساداسىنى كۈچەيتىپ، تور ئېكولوگىيەسىنى ئۆزگەرتتى. خەلق تورى خەلق گېزىتى تاراتقۇسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشىدىكى مۇۋەپپەققىيەتلىك ئەۋرىشكىسىگە ئايلاندى، شۇنداقلا گېزىتخانىنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاساس سېلىپ، تەجرىبە توپلىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر