باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۇچا ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىقتىسادى مۇقىم ئاشتى

2017.01.16 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز راھىلە توختى خەۋىرى) كۇچا ناھىيەسى بۇلتۇر يېزا ئىگىلىكىدىن ئومۇميۈزلۈك مول ھوسۇل ئېلىپ، يېزا ئىگىلىك ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتىنى 6 مىليارد 183 مىليون 288 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزۈپ، بۇلتۇرقىدىن 1 مىليارد 95 مىليون 122 مىڭ يۈەن ئاشۇردى.

  بۇ ناھىيە بۇلتۇر يېزائىگىلىكىدە سۈپەتنى، ھوسۇلنى ۋە كىرىمنى ئاشۇرۇش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ يولغا قويدى. يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، سەرپىياتنى تۆۋەنلەتتى. باغۋەنچىلىكتە ئىلمىي باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سورت يېڭىلاش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بەردى. چارۋىچىلىقتا نەسىل ياخشىلاشتا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، كۆپ تۆللەيدىغان نەسىللىك چارۋىلارنى كۆپەيتىشنى يولغا قۇيۇپ، كىرىمنىڭ ماس قەدەمدە ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. نەتىجىدە، بۇلتۇر ناھىيە بويىچە دېھقانچىلىقتىن قىلىنغان ئومۇمىي كىرىم 4 مىليارد 823 مىليون 54 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.87، باغۋەنچىلىكتىن قىلىنغان ئومۇمىي كىرىم 1 مىليارد 210 مىليون 988 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن%6.87، چارۋىچىلىقتىن قىلىنغان ئومۇمىي كىرىم 1 مىليارد 152 مىليون 453 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.50 ئاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر