باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ قاتارلىقلار ۋىيېتنامنىڭ باش شۇجىسى بىلەن كۆرۈشتى

2017.01.16 14:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەن تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى نۇەن فۇچوڭ بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى.

  لى كېچياڭ نۇەن فۇچوڭ بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە خەلقئارا سىياسىي ۋەزىيەت ئەندىزىسىدە مۇرەككەپ، چوڭقۇر ئۆزگىرىش يۈز بېرىۋاتىدۇ. جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان. بىز ۋىيېتنام بىلەن بىرلىكتە بىر بەلباغ، بىر يول قۇرۇلۇشى بىلەن ئىككى كارىدور، بىر چەمبەر ئىستراتېگىيەسىنى تېزدىن تۇتاشتۇرۇپ، دېڭىز، قۇرۇقلۇق، پۇل مۇئامىلە ھەمكارلىقىدا تەڭلا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىگە ئېرىشىپ، ئىككى تەرەپلىك سودىنى تەڭپۇڭ ئاشۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ نەپ يەتكۈزۈشنى خالايمىز.

  نۇەن فۇچوڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ تەرەققىيات، قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلدى، ۋىيېتنام-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ساغلام، مۇقىم راۋاجلانماقتا، ۋىيېتنام جۇڭگو بىلەن ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت تەرەققىياتىنىڭ ئىجابىي ۋەزىيىتىنى ساقلاش ھەم بۇ رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  جاڭ دېجياڭ نۇەن فۇچوڭ بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋىيېتنام پارلامېنتى بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، ۋىيېتنام بىلەن داۋاملىق يېقىندىن بارى-كەلدى قىلىپ، سىياسىيدىكى ئۆز ئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى پارتىيە باش شۇجىلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى خالايدۇ.

  نۇەن فۇچوڭ مۇنداق دېدى: ئىككى تەرەپ ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت پارلامېنتلىرىنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇقىنى پۇختىلاشقا تۆھپە قوشۇشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر