باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى-لەنجۇ-باڭكوكقا قاتنايدىغان ھاۋا يولى ئەسلىگە كەلدى

2017.01.17 13:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭلىق ساياھەتچىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بۇلتۇرقى چاغانلىق توشۇش مەزگىلدە قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن ئۈرۈمچى-لەنجۇ-باڭكوكقا قاتنايدىغان لىنىيەدە 14- يانۋاردىن باشلاپ قاتناش ئەسلىگە كەلدى.

  مۇخبىرنىڭ جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىنجاڭ شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ئۈرۈمچى-لەنجۇ-بانكوك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ھەر ھەپتىدە ئۈچ نۆۋەت قاتنايدىغان بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا ھەر ھەپتىنىڭ بىرى، تۆتى ۋە ئالتىسى ئۇچىدۇ، پۈتۈن مۇساپىسىگە يەتتە سائەت 25 مىنۇت ۋاقىت كېتىدۇ. مۇخبىرنىڭ جەنۇبىي ئاۋىياتسىيە شىركىتى ھۆكۈمەت تور بېكىتىدىن ئىگىلىشىچە، مەزكۇر لىنىيە ئالتە نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ يىل بېشىدىكى بېلىتى ئاز قالغان ئىكەن.

  مەزكۇر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، شىنجاڭدىكى ساياھەتچىلەر ئۈرۈمچىدىن باڭكوكقا بارماقچى بولسا، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شەھەرلەردىن تىرانزىت قىلىشقا توغرا كەلگەن، ھەمدە پۈتۈن مۇساپىسىگە ئون سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت كەتكەن ئىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بازار ئېھتىياجى يۇقىرى بولغان شاڭخەي، شيامېن ۋە بېيجىڭ قاتارلىق ئەنئەنىۋى قىزىق نۇقتىلىق ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىگە قارىتا، جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ شىنجاڭ شۆبە شىركىتى يولۇچى توشۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، جەمئىي 108 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان قوشۇشنى، ئۇنىڭ ئىچىدە، يېڭىدىن 76 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان قوشۇشنى ئىلتىماس قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر