- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئاپتونوم رايونىمىز 2017- يىلى 82 مىڭ 300 كىلومېتىر تاشيول قۇرۇشنى پىلانلىدى
2017.01.17 14:00 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16- يانۋار، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2017- يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا قۇرۇلۇش باشلاشنى پىلانلىغان تۈر 2933 بولۇپ، تاشيول قۇرۇلۇش ئومۇمىي مۇساپىسى تەخمىنەن 82 مىڭ 300 كىلومېتىر كېلىدىكەن.
2017- يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا قۇرۇلۇش باشلاشنى پىلانلىغان تۈر 2933بولۇپ، تاشيول قۇرۇلۇش ئومۇمىي مۇساپىسى تەخمىنەن 82 مىڭ 300 كىلومېتىر (بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن سېلىنىدىغىنى 42 مىڭ 800 كىلومېتىر، كېڭەيتىپ سېلىنىدىغىنى 39 مىڭ 500 كىلومېتىر)، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول 7292 كىلومېتىر (بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن سېلىنىدىغىنى 6096 كىلومېتىر، كېڭەيتىپ سېلىنىدىغىنى 1196 كىلومېتىر)، ئادەتتىكى دۆلەت ۋە ئۆلكە يولى 10311 كىلومېتىر، يېزا تاشيولى ۋە ئۆزگىچە يېزا-بازار يولى 41 مىڭ 800 كىلومېتىر، مەنبە بولى، ساياھەت يولى ۋە چېگرا چارلاش يولى دېگەندەك يوللار 22 مىڭ 900 كىلومېتىر كېلىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر