باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭنىڭ بۇ يىللىق تۇنجى چەتئەل زىيارىتىدىكى ئۈچ يارقىن نۇقتىغا نەزەر

2017.01.16 14:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىز يېڭى يىلدا يېڭى ۋەزىيەتنى كۈتۈۋالدۇق، جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭمۇ يېڭى سەھىپىسى ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 15-يانۋاردىن 18-يانۋارغىچە، شىۋېيتسارىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ، دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ 2017-يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىدۇ، شىۋېتسارىيەدىكى خەلقئارا تەشكىلاتلارنى زىيارەت قىلىدۇ.

  2017-يىلى باشلانغاندىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىملىق زىيارىتىگە شىۋېتسارىيەنى تاللىدى، بۇنىڭدىكى يارقىن نۇقتا ناھايىتى روشەن، ئەھمىىيتى قالتىس. بۇنىڭدا مۇنداق ئۈچ يارقىن نۇقتا بار: 1-يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، جۇڭگو-شىۋېيتسارىيە ھەمكارلىق رولى يېتەكلىنىدۇ. بۇ-جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ بۇ يىللىق سەھىپىسىنى ئاچىدىغان تەدبىر شۇنداقلا يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان جۇڭگو دۆلەت رەئىسىنىڭ تۇنجى قېتىم شىۋېتسارىيەگە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە بېرىشى بولۇپ، جۇڭگو-شىۋېيتسارىيە مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ئالغا قاراپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. جۇڭگو خەلقئارا مەسىلە تەتقىقات يۇرتى ياۋروپا تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى سۈي خوڭجيەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن شىۋېيتسارىيەنىڭ ئىقتىسادى يۈكسەك دەرىجىدە بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ، يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىدا زور ئىمكانىيەت بار. شىۋېيتسارىيە-ئۇزۇندىن بۇيان ئالىي ياسىمىچىلىق، جۈملىدىن پۇل مۇئامىلە، ساياھەتچىلىكى بىلەن دۇنياغا داڭقى چىققان تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادىي گەۋدە. جۇڭگوغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، شىۋېيتسارىيە بىلەن ئۆز ئارا ئەينەك قىلىدىغان، ئۆز ئارا ئۆگىنىدىغان تەرەپلەرنى ناھايىتى كۆپ دېيىشكە بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، جۇڭگونىڭ ھازىرقى «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى 2025» ئارقىلىق ئۆز ياسىمىچىلىقىنىڭ ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ئىشىمۇ بار. مېنىڭچە، بۇ جەھەتتە جۇڭگو بىلەن شىۋېيتسارىيەنىڭ نۇرغۇن ھەمكارلىق ئىمكانىيىتى بار. 2-داۋوس مۇنبىرىدە تۇنجى قېتىم دۇنيا ئىقتىسادى ئۈچۈن جۇڭگو لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ يەنە دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ يىللىق يىغىنىغا تۇنجى قېتىم قاتنىشىپ، ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن سەمىمىي، چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئىشەنچىسىنى ئۆستۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى، ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. جۇڭگو ھازىرقى زامان خەلقئارا مۇناسىۋەت تەتقىقات يۇرتى دۇنيا ئىقتىسادى تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى چېن فېڭيىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھالدا تۇنجى قېتىم داۋوس مۇنبىرىگە قاتنىشىدۇ، يىغىندا دۇنياغا جۇڭگونىڭ قانداق ئەقىل-پاراسىتىنى نامايان قىلىشى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. داۋوس مۇنبىرى-دۇنيا ئىقتىسادى پەسكويدا تۇرۇۋاتقان، بولۇپمۇ يەر شارىنى ئوڭشاش تارىختىكى ئەڭ قىيىن ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە ئېچىلىدۇ. داۋوس مۇنبىرىنىڭ بىر مەركىزىي قارالمىسى-رەھبەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى بىلەن يەر شارىنى ئوڭشاش مەسىلىسىدىن ئىبارەت، شۇڭا مېنىڭچە، دۇنيا ئەھلى بۇ قېتىمقى داۋوس مۇنبىرىنىڭ قارالمىلىرى ھەم رەئىس شى جىنپىڭنىڭ داۋوستا سۆزلەيدىغان باش تېمىلىق نۇتقىغا دىققەت قىلىدۇ. 3-شى جىنپىڭ خەلقئارا تەشكىلاتلارنى زىيارەت قىلىپ، ھەمكارلىقنى يېڭى سەۋىيەگە يېتەكلەيدۇ. سۈي خوڭجيەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جەنۋە، لوزانغا بېرىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئورگىنى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ باش ئورگانلىرىدا زىيارەتتە بولۇشى ھەققىدە مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ-كىشىلەرنىڭ يەر شارىنى ئوڭشاش ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ يەر شارىنى يەنىمۇ ئوڭشاش ساھەسىدىكى قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ شۇنداقلا جۇڭگو لايىھەسىنى پائال ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ-مەيلى ئىككى تەرەپلىك رايون بولسۇن، مەيلى يەر شارى قاتلىمىدىن بولسۇن، ھەممىسىدىلا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر