باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئوباما ۋە ئۇنىڭ ئايالى تىرامپنى ئاق سارايغا چايغا تەكلىپ قىلدى

2017.01.16 14:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا ئاق سارىيى مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ ئوباما ۋە 1-خانىم مىچىر تىرامپ 20-يانۋار قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى، تىرامپ ۋە ئۇنىڭ ئايالىنى ئاق سارايغا چايغا تەكلىپ قىلدى.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئوباما تىرامپنڭ قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشقاندىن كېيىن، تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ئاق سارايدىن ئاندىرسۇ ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا بېرىپ، ئاق ساراي ئەمەلدارلىرى بىلەن ئاخىرقى قېتىم خوشلىشىدىكەن، ئۇندىن كېيىن زۇڭتۇڭنىڭ ھاۋا ئارمىيەسى 1-نومۇر ناملىق مەخسۇس ئايروپىلانىغا ئولتۇرىدىكەن. ھەر نۆۋەت ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان ئامېرىكا زۇڭتۇڭى يۇرتىغا قايتىدىكەن، بىراق ئوباما بۇندىن ئىلگىرى، ئۆزى ۋەزىپىسىدىن قالغاندىن كېيىن تاكى كىچىك قىزى تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگۈچە ۋاشىنگتوندا تۇرىدىغانلىقى بىلدۈرگەن.

  ئوباما 18-يانۋار ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدىكى ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ، كېيىنكى جۈمە كۈنى، ئوباما ئەنئەنە بويىچە كېيىنكى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ، ئوبامانىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش مۇراسىمى، 1889-يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھۆكۈمەتتە ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدىكى ئالاقىدار قائىدىلەر بويىچە ئاددىي ئۆتكۈزۈلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر