باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرىغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنى پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان ئۈلگىلەردىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى

2017.01.16 15:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرىغا يازغان جاۋاب خېتى

  توختىخان:

  ياخشىمۇ سىز! نەۋرىڭىز رۇقىيەمنىڭ خېتىنى كۆرۈپ، 90 ياشقا يېقىنلاپ قالسىڭىزمۇ سالامەتلىكىڭىزنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئىكەنلىكىنى، جەمەتىڭلاردىكى يۈز نەچچە كىشىنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلىپ، ناھايىتى خۇشال بولدۇم.

  بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىدۇ. قۇربان تۇلۇم شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى، كىچىك ۋاقتىمدا ئۇنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈشتەك تەسىرلىك ھېكايىسىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن تەسىرلەنگەنىدىم. ئۇزاق يىللاردىن بۇيان، سىز دادىڭىزنىڭ پارتىيەنى، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەر ۋە يۇرتداشلار ئارىسىدا ياخشى ئۈلگە تىكلىدىڭىز. ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ قۇربان تۇلۇم تاغىغا ئوخشاش يۇرتداشلار بىلەن بىللە پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللەتلىرى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيىدىغان ئۈلگىلەردىن بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  تېنىڭىز ساغلام، ئۆمرىڭىز ئۇزۇن، ئائىلىڭىز بەختلىك بولغاي، ئائىلىڭىزدىكىلەرگە ۋە يۇرتداشلارغا مەندىن سالام ئېيتقايسىز!

  شى جىنپىڭ

  2017- يىل 1- ئاينىڭ 11- كۈنى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە تۇرۇشلۇق قۇربان تۇلۇمنىڭ چوڭ قىزى توختىخان قۇرغانغا جاۋاب خەت يېزىپ، توختىخان قۇرغان ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر، شۇنداقلا يۇرتداشلارغا بەخت تىلىدى ھەم ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى ئۈمىد قىلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر