خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مەڭلىك ئىمىن خەۋىرى) چەرچەن ناھىيەلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىشلىق تەتىل كۈنلىرىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشى ۋە ئارتۇقچىلىقلىرىنى نامايان قىلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن 11-يانۋاردىن باشلاپ 420 نەپەر ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى ئۇسۇل ، گۈزەل-سەنئەت، مىللىي مۇزىكا، ئېلېكتىرونلۇق رويال، ئاككوردىيون ئۆگىنىش سىنىپلىرىدا ھەقسىز تەربىيەلەشنى باشلىدى. ئىگىلىنىشىچە، چەرچەن ناھىيەلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەر پائالىيەت مەركىزى 2009-يىلى ھەقسىز ئېچىۋېتىلگەن بۇيان، كەسپىي ئارتۇقچىلىقى بار ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ، بالىلارنىڭ قىزىقىشى بويىچە كەسىپلەرنى تەسىس قىلىپ، قىشلىق ۋە يازلىق تەتىل ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ھازىرغىچە 17 قارار ھەقسىز تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، 7500 قېتىم ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنى تەربىيەلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى