باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

30 ئۆلكە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھات لايىھەسىنى ئېلان قىلدى، بۇ يىل ئالتە ئۆلكىدە ئىسلاھات يولغا قويۇلىدۇ

2017.01.06 15:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرىدا، «يۈننەن نۇسخىسى» دىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان ئىسلاھاتى لايىھەسى رەسمىي ئېلان قىلىندى. جۇڭگو ئاخبارات تورى مۇخبىرىنىڭ بايقىشىچە، ھازىرغىچە، شىنجاڭدىن باشقا، مەملىكەت بويىچە 30 ئۆلكىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان ئىسلاھاتى لايىھەسى بىردەك ئېلان قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە بۇ يىل، ئالتە ئۆلكىدە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان ئىسلاھاتى رەسمىي يولغا قويۇلىدىكەن.

  تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، شىنجاڭنىڭ ئالىي مەمتەپ ئىمتىھان لايىھەسى ھازىرغىچە ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق مۇخبىرنىڭ يېقىنقى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىنجاڭنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتى لايىھەسى 2019-يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن، 2019-يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 1-يىللىقىغا قوبۇل قىلىنغان يېڭى ئوقۇغۇچىلاردىن باشلاپ، مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھان نەتىجىسى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىگە كىرگۈزۈلىدىكەن.

  مەملىكەت بويىچە شاڭخەي، جېجياڭدىن ئىبارەت بۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى ئىككى سىناق نۇقتىسىدا 2014-يىلى ئەڭ ئاۋۋال بۇ ئىسلاھات يولغا قويۇلغاندىن باشقا، باشقا ئۆلكىلەرنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش ۋاقتى 2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە مەركەزلەشكەن.

  بۇنىڭ ئىچىدە بېيجىڭ، خۇنەن، خەينەن، جياڭشى، شەندۇڭ، تيەنجىن قاتارلىق ئالتە ئۆلكە 2017-يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۈمىدە مەكتەپكە كىرگەن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ 1-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىدىن باشلاپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى يولغا قويىدۇ ھەم تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەنگە ئايرىمايدۇ.

  بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا، جېجياڭ، شاڭخەيدە ئىمتىھان پەنلىرى بويىچە «3+3» ئەندىزىسى قوللىنىلدى. تىل-ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، ئىنگلىز تىلىدىن ئىبارەت ئۈچ ئاساسىي پەندىن باشقا تاللاپ ئىمتىھان بېرىدىغان ئۈچ پەن بويىچە شاڭخەيدە «ئالتىدىن ئۈچنى تاللاش» ئەندىزىسى قوللىنىلدى، يەنى ئەدىيەۋى- سىياسىي، تارىخ، جۇغراپىيە، فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە قاتارلىق ئالتە پەندىن ئۈچ پەن تاللىنىپ ئىمتىھان بېرىلدى. جېجياڭدا «يەتتىدىن ئۈچنى تاللاش» ئەندىزىسى قوللىنىلىپ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئالتە پەندىن باشقا، يەنە «تېخنىكا (ئاممىباب تېخنىكا ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)» دىن ئىبارەت بۇ پەن كۆپەيتىلدى.

  تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ ئىككى جاينىڭ چەتئەل تىلى ئىمتىھانى بىردەك يىلدا ئىككى قېتىم ئېلىنىدۇ. ئىككى جايدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى چەتئەل تىلى ئىمتىھانىغا ئەڭ كۆپ بولغاندا ئىككى قېتىم قاتنىشالايدۇ ھەم بۇنىڭ ئىچىدىن بىر قېتىملىق ياخشىراق ئىمتىھان نەتىجىسى تاللىنىپ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئومۇمىي نەتىجىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ.

  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتىدىكى قوبۇل قىلىش تۈركۈمىنى بىرلەشتۈرۈشمۇ بىر چوڭ يارقىن نۇقتا. يۇقىرىدىكى «ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شارائىت ھازىرلاپ، ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈركۈمىنى تەدرىجى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك. 2015-يىلىدىن باشلاپ، شارائىتى يار بەرگەن ئۆلكىلەردە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈركۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قانات يايدۇرۇلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر