باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى بەش مىليون 390 مىڭ يۈەن پار ئالغانلىقى سەۋەبىدىن يەتتە يىللىق قاماق جازاسى بېرىلدى

2017.01.16 14:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 12- يانۋار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، مۇدىرى جاۋ گومىڭ (نازىر دەرىجىلىك) نىڭ پارا ئېلىش دېلوسى، 1- سوتتا قاراپ چىقىلغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋ گومىڭنىڭ پارا ئېلىش جىنايىتىگە مۇددەتلىك يەتتە يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلدى، ھەمدە 700 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى.

  2016- يىلى 10- ئاينىڭ 26- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋ گومىڭنىڭ پارا ئېلىش جىنايىتى دېلوسىغا ئوچۇق سوت ئاچتى.

  سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىش ئارقىلىق، 2004- يىلىدىن 2015- يىلىغىچە، جاۋ گومىڭ ئۆزىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى بولغان مەزگىلدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، نامراتلارنى يۆلەيدىغان باشلامچى كارخانا بېكىتىش، نامراتلارنى يۆلەش ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل بېرىش، يەرنى ھۆددىگە ئېلىش، قۇرۇلۇش تونۇشتۇرۇش، خىزمەتنى يۆتكەش ۋە ۋەزىپىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە، باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزلەپ، باشقىلارنىڭ مال-مۈلۈكىنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۇلارنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا، بەش مىليون 390 مىڭ يۈەن بولغانلىقى ئېنىقلاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر