باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۈزەللىك تەربىيەسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىشنىڭ تۈرتكىسى

2017.01.16 14:50         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن بېيجىڭ مىللەتلەر سارىيىدا« ھەسەن ھۈسەن يولى مىللەتلەر روھى ــ 2017-يىلى سەنئەت سەپەرداشلىرى بېيجىڭ جامائەتچىللىك ھۆسنخەت ۋە رەسىم كۆرگەزمىسى» ئۆتكۈزۈلدى، كۆرگەزمىدە شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن قاتارلىق رايونلاردىكى سەنئەتچىلەرنىڭ ھۆسنخەت ۋە رەسىملىرى كۆرگەزمە قىلىندى، بۇ ئەسەرلەرنى كىمئارتۇق قىلىشتىن قىلىنغان كىرىم ۋە كۆرگەزمىدە قوبۇل قىلىنغان ئىئانىنىڭ ھەممىسى جۇڭگو ياش ئۆسمۈرلەر تەرەققىيات فوندىغا ئىئانە قىلىنىدۇ، بۇ پۇللار ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىدىكى بالىلارنىڭ گۈزەل سەنئەت تەربىيەسى ئىشلىرىنى قوللاشقا ئىشلىتىلىدۇ. مۇھەببەتنىڭ چېگراسى بولمايدۇ، ئۇ رايون مىللەت ئايرىمايدۇ، ئۇ بالىلارنىڭ قەلبىگە ئورناپ، ئۇلارغا مەسئۇلىيەت ئاتا قىلىدۇ، ئۇلار بىلەن تەڭ يېتىلىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىغا بەخت ئېلىپ كېلىدۇ.

  ھەسەن ھۈسەن يولى ــ ئاز سانلىق مىللەت ياش ئۆسمۈرلىرى سەنئەت تەربىيەسى جامائەتچىللىك سەپىرى پائالىيىتىگە دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى يېتەكچىلىك قىلدى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى مىللەتلەر مەركىزى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر تاشقى ئالاقە جەمئىيىتى، جۇڭگو ياش ئۆسمۈرلەر تەرەققىيات فوندى ۋە ئاۋمېن گۈزەل سەنئەت جەمئىيىتى 2013-يىلى بىرلىشىپ قوزغىغان بىر تۈرلۈك جامائەتچىللىك پائالىيىتى، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەرىرىرى ليۇ شياۋلوڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى 4 يىل ئىچىدە جەمئىيەتتىن 4 مىليون يۈەنگە يېقىن ئىئانە توپلىنىپ مىللىي رايونلار ئۈچۈن130غا يېقىن ھەسەن ھۈسەن يولى گۈزەل سەنئەت ۋە مۇزىكا سىنىپى قۇرۇپ بېرىلدى، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 50مىڭ ئوقۇغۇچى نەپ ئالدى.

  ھەسەن ھۈسەن يولى ــ ئاز سانلىق مىللەت ياش ئۆسمۈرلىرى سەنئەت تەربىيەسى جامائەتچىللىك سەپىرى جۇڭگو ياشلار فوندىدا ھەسەن ھۈسەن يولى ئاز سانلىق مىللەت ياش ئۆسمۈرلىرى سەنئەت تەربىيەسى جامائەتچىللىك فوندى تەسىس قىلدى، بۇ ئاساسلىقى ئاز سانلىق مىللەت رايون يېزىلىرىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھەسەن ھۈسەن يولى شادلىق گۈزەل سەنئەت سىنىپى ۋە ھەسەن ھۈسەن يولى شادلىق مۇزىكا سىنىپلىرى ئېچىشىغا ئىشلىتىلىدۇ، جۇڭگو ياشلار فوندى جەمئىيىتى ئۈمىد قۇرۇلۇش ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چى ياۋپىڭ مۇنداق دېدى: ئىئانە بېرىلىشتىن بۇرۇن بۇ مەكتەپلەردە ھېچنېمە يوق ئىدى، سەنئەت تەربىيەسىگە ئائىت ھېچقانداق ئەسلىھەمۇ يوق ئىدى، بىز شادلىق گۈزەل سەنئەت سىنىپى ئاچقاندا مەكتەپ بىزگە بىر سىنىپ ئاجرىتىپ بەردى، بىزنىڭ بالىلارغا ئىئانە قىلغان بۇ گۈزەل سەنئەت سىنىپىدىكى ئەسلىھەلىرىمىزنى بالىلار ناھايىتى ياقتۇردى.

  ئاۋمېن گۈزەل سەنئەت جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى لى يىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەسەن ھۈسەن يولى مىللىي رايونلاردىكى ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ گۈزەللىكنى تونۇيالايدىغان كۆزگە، گۈزەللىكنى ئاڭلىيالايدىغان قۇلاققا، گۈزەل نەرسىلەرنى يارىتالايدىغان ئىككى قولغا ئىگە بولۇپ، مىللىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشنىڭ تۈرتكۈچىلىرىگە ئايلىنىشىغا ياردەم بەردى.بىزنىڭ ئاۋمېن گۈزەل سەنئەت جەمئىيىتىمىزنىڭ ھەسەن ھۈسەن يولى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولغانلىقىدىن ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلدىم، پائالىيەت ئارقىلىق ۋەتىنىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى چۈشەندۇق.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر