باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ تۆمۈر يولىدا چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ تۇنجى قېتىملىق ۋاقىتلىق يولۇچىلار پويىزى قاتنىدى

2017.01.12 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11- يانۋار سائەت 14تىن 43 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ چاغانلىق يولۇچى توشۇشنىڭ تۇنجى قېتىملىق ۋاقىتلىق يولۇچىلار پويىزى K4668 جەمئىي 1229 يولۇچىنى بېسىپ، ئۈرۈمچى جەنۇبى ۋوگزالىدىن شاڭخەيگە قاراپ يولغا چىقتى.

  ئۈرۈمچى ۋوگزالىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خاۋلىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ۋاقىتلىق يولۇچىلار پويىزىنىڭ قاتنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ۋوگزالدا بېلەت سېتىش كۆزنىكى كۆپەيتىلىپ، يولۇچىلارنىڭ بېلەت سېتىۋېلىشىغا قولايلىق يارىتىلغان. بايرامدىن بۇرۇنقى توققۇز قېتىملىق ۋاقىتلىق يولۇچىلار پويىزىنىڭ بېلىتى سېتىپ تۈگىتىلگەن. يېقىندا، ئۈرۈمچى جەنۇبى ۋوگزالىنىڭ يولۇچىلار مىقدارى تەدرىجىي ئۆرلىگەن، چاغانلىق توشۇش مۇلازىمىتىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن، ۋوگزالنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش، بېلەت تەكشۈرۈش، يولۇچىلارنىڭ چىقىپ چۈشۈش قاتارلىق خىزمەت ھالقىلىرىنىڭ ئۇلىنىشى كۈچەيتىلگەن، ۋوگزال ئېغىزى ۋە يەر ئاستى ئۆتۈش يولىدا ئورگان ۋە سېختىكى كادىرلارنى كۆپەيتىپ، يولۇچىلار ئېقىمىنى يېتەكلەش خىزمىتىگە سېلىپ، يولۇچىلارنىڭ بىخەتەر پويىزغا چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىنغان. خاۋلىن يەنە يولۇچىلارنى چاغان مەزگىلىدە پويىز ئىستانسىسىغا بالدۇر كېلىپ، كېچىكىپ قالماسلىققا ئەسكەرتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر