باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2017.01.12 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 11-يانۋار گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى ئاچتى، يىغىندا رايون خاراكتېرلىك پاي ھوقۇقى بازىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ سىياسەت-تەدبىرلىرى بېكىتىلىپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرى كېڭەيتىلدى؛ شەھەر مەمۇرىيىتى باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلغاندا بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەملىك فورما كىيىش ۋە بەلگە تاقىشىنى باشقۇرۇش چارىسى ماقۇللىنىپ، قېلىپلاشقان، مەدەنىي قانۇن ئىجرا قىلىپ، شەھەر باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئىلگىرى سۈرۈلدى؛ «مېيىپلار مائارىپ نىزامى (تۈزىتىلگەن لايىھەسى)» ۋە « مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە مېيىپلار سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىزامى (تۈزىتىلگەن لايىھەسى)» ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: رايون خاراكتېرلىك پاي ھوقۇقى بازىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ پاي ھوقۇقى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى تەرتىپلىك كېڭەيتىش ۋە تېخىمۇ قولايلىقلاشتۇرۇش، تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، كۆپ قاتلاملىق مەبلەغ بازىرى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇل-مۇئامىلىنى ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدۇرۇپ، ئىجادىيەتلىك قوزغىتىش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يىغىندا مۇنۇلار بېكىتىلدى: بىرىنچى، رايون خاراكتېرلىك پاي ھوقۇقى بازىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پاي ھوقۇقى بازىرىنىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق مەمۇرىي رايوندىكى ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ھازىر ئۆلكە ھالقىپ تىجارەت قىلىدىغانلىرىنى چىڭ تۇتۇپ تەڭشەپ قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. ئىككىنچى، ھەر قايسى ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، شەھەر) ۋە ئايرىم پىلان تۈزىدىغان شەھەرلەرنىڭ پاي ھوقۇقى بازىرىنى بىر ئورگان مەسئۇل بولۇپ باشقۇرۇشى كېرەك. ئوخشاش رايوندىكى كۆپ ئورۇن باشقۇرىدىغانلىرىنى پائال بىرلەشتۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، لاياقەتلىك مەبلەغ سالغۇچى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش كېرەك. رايون خاراكتېرلىك پاي ھوقۇقى بازىرى سودىسىغا قاتناشقانلار قانۇن بويىچە تەسىس قىلىنغان ۋە مەلۇم شەرتنى ھازىرلىغان قانۇنىي ئىگىلىك ئاپپارات، شېرىكچىلىك كارخانىسى شۇنداقلا خەۋپ-خەتەرگە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى بىر قەدەر كۈچلۈك ۋە بەلگىلىك كۆلەمدە پۇل مۇئامىلە مۈلكىگە ئىگە تەبىئىي شەخس قاتارلىقلار بولۇشى كېرەك. تۆتىنچى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇش كېرەك. ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر بەلگىلىمە بويىچە رايون خاراكتېرلىك پاي ھوقۇقى بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولۇشى ۋە خەتەرنى بىر تەرەپ قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. ئاكسىيە نازارەتچىلىك كومىتېتى ئاكسىيە تارقىتىش دائىرىسى، سودا ئۇسۇلى، قولىدىكى ئادەم سانى قاتارلىقلارغا تۈزۈم بېكىتىشكە مەسئۇل بولۇشى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ ماسلاشتۇرۇپ مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. كۈچلۈك ماسلىشىپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئارقىلىق، بازار تەرتىپىنى ساقلاپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە پەسەيتىپ، رايون خاراكتېرلىك پاي ھوقۇقى بازىرىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ پىشاڭلىق نىسبىتىنى تەدرىجىي تۆۋەنلىتىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر