باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن داغدۇغىلىق دۆلەت پەن–تېخنىكا مۇكاپاتىنى تارقىتىش يىغىنى ئاچتى

شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم ئالىي مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرگە مۇكاپات تارقاتتى

2017.01.10 15:05   مەنبە: خەلق تورى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن داغدۇغىلىق دۆلەت پەن–تېخنىكا مۇكاپاتىنى تارقىتىش يىغىنى ئاچتى

  يىغىندا لى كېچياڭ سۆز قىلدى ليۇ يۈنشەن يىغىنغا قاتناشتى جاڭ گاۋلى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  2016-يىللىق دۆلەت پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىنى تارقىتىش يىغىنى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ دۆلەتنىڭ 2016-يىللىق ئالىي پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ فىزىكا تەتقىقات ئورنىدىكى ئاكادېمىك جاۋ جۇڭشيەن (ئوڭدا) بىلەن جۇڭگو تېبابىتى ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى تۇ يۇيۇ(سولدا)غا مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 1-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا داغدۇغىلىق دۆلەت پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىنى تارقىتىش يىغىنى ئاچتى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرىگە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى. لى كېچياڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن يىغىندا سۆز قىلدى. جاڭ گاۋلى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىن چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10 دا ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە دۆلەتنىڭ 2016-يىللىق ئالىي پەن-تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ فىزىكا تەتقىقات ئورنىدىكى ئاكادېمىك جاۋ جۇڭشيەن بىلەن جۇڭگو تېبابىتى ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى تۇ يۇيۇغا مۇكاپات گۇۋاھنامىسى تارقاتتى ھەم ئۇلار بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى تەبرىكلىدى. ئارقىدىن شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى دۆلەت تەبىئىي پەن مۇكاپاتى، دۆلەت تېخنىكا كەشپىيات مۇكاپاتى، دۆلەت پەن-تېخنىكا تەرەققىيات مۇكاپاتى ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلقئارا پەن-تېخنىكا ھەمكارلىقى مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرىگە مۇكاپات تارقاتتى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى ۋە سەمىمىي سالام يوللىدى، جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكا ئىشلىرىغا قاتناشقان ۋە ئۇنى قوللىغان چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن بىر يىلدا ئېلىمىز مۇرەككەپ، كەسكىن ئىچكى ۋە تاشقى مۇھىت ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلار تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، پەن-تېخنىكا سېپىدە چوڭ ئىشلار ۋە خۇشاللىنارلىق ئىشلار كۆپ بولدى، سىمۋوللۇق خاراكتېرىگە ئىگە بىر تۈركۈم زور پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرى مەيدانغا كەلدى، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئەمەلىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇش تېزلەشتى، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، جۇڭخۇا زېمىنى يېڭىلىق يارىتىش ئىچىدە جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. ھازىر دۇنيادا يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپلەر ئۆزگىرىشى باشلىنىپ جۈش ئۇرۇپ راۋاجلىنىۋاتىدۇ. ئېلىمىز ئىقتىسادىي قۇرۇلما چوڭقۇر تەڭشىلىۋاتقان، يېڭى بىلەن كونا ئېنېرگىيە داۋاملىق ئالمىشىۋاتقان يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى. شۇڭا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى جەزمەن ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىدىكى يادرولۇق ئورۇنغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېتەكچى، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىشنى تېزلىتىپ، ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيەلەرنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەدە ئېشىشى، ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·«مەدەنىيەتلىك جۇڭگو - سېھرىي كۈچكە تولغان شىنجاڭ» سەنئەت ئۆمىكى ئۆزبېكىستاندا ئويۇن قويدى(1)
    ·شىنجاڭ ئالىي كەسپىي (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا توردا ت…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2020- يىلىدىن باشلاپ ئۆلكە دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىنى ئالىي مەكتەپلەرگە كاپ…
    ·شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 2018- يىلدىن باشلاپ 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى ئەمەلگە ئاشۇرۇ…
    ·30 ئۆلكە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھات لايىھەسىنى ئېلان قىلدى، بۇ يىل ئالتە ئۆلكىدە ئىسلاھات يولغ…
    ·ئىنگلىز تىلى سەۋىيەسىدە بىر تۇتاش ئۆلچەم قوللىنىلىدۇ
    ·2019- يىلدىن باشلاپ شىنجاڭدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش سەۋىيە سىناش ئىمتىھان نەتىجىسى ئالى…
    ·ئېلىمىزنىڭ تۇنجى مائارىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بەش يىللىق يىرىك پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى
    ·خەلق تورىدا «ئېلىمىز ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تەسىر كۈچى رەت تەرتىپى» ئېلان قىلىندى
    ·شىنجاڭدا 2017- يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانت قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا 26 مىڭ ئادەم تىزىملاتت…