باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ شىۋېيتسارىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ 2017-يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم شىۋېيتسارىيەدىكى خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى زىيارەت قىلىدۇ

2017.01.12 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 11-يانۋار جۇڭگو-چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لى باۋدۇڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ شىۋېيتسارىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ 2017-يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقى ھەم شىۋېيتسارىيەدىكى خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى تونۇشتۇردى ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  بىرىنچى، شىۋېيتسارىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا

  لى باۋدۇڭ مۇنداق دېدى: رەئىس ش جىنپىڭ 15-يانۋاردىن 18-يانۋارغىچە شىۋېيتسارىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ 2017-يىللىق يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم شىۋېيتسارىيەدىكى خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى زىيارەت قىلىدۇ. بۇ دۆلىتىمىزنىڭ 2017-يىللىق دىپلوماتىيەسىنىڭ مۇقەددىمىسى، بۇ قېتىملىق شىۋېيتسارىيە زىيارىتى يېڭى ئەسىردىن بۇيان جۇڭگو دۆلەت رەئىسىنىڭ تۇنجى قېتىم شىۋېيتسارىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشى ھېسابلىنىدۇ. زىيارەت جەريانىدا، رەئىس شى جىنپىڭ شىۋېيتسارىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ رەئىسى لويىتىخارد ۋە فېدېراتسىيە كومىتېت ئەزالىرى ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش مۇراسىمى، سۆھبەتلىشىش، ئىمزا قويۇش مۇراسىمى، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ، فېدېراتسىيە پارلامېنت ئىككى پالاتاسىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشىدۇ ۋە فېدېراتسىيە رەئىسى لويىتىخارد بىلەن بىرگە شىۋېيتسارىيەنىڭ ئىقتىساد ساھەسىدىكى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئىككى تەرەپ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى، ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات يولى، ئىچكى-تاشقى سىياسەت ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا، رايون قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات خەرىتىسىنى سىزىدۇ. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ شاھىت بولۇشى بىلەن، ئىككى تەرەپ سىياسەت، ئەركىن سودا، مەدەنىيەت، تاموژنا، ئېنېرگىيە، تەرەققىيات ھەمكارلىقى، تەنتەربىيە قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر